پاكىستان - ئافغانىستان سۆھبىتى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان بىلەن ئافغانىستان يېقىنقى چېگرا يىرىكچىلىكىدىن كېيىن دىيالوگنى ئىلگىرى سۈرگەن تۈركىيە ۋە قاتارغا رەھمەت ئېيتىپ، ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.
ئىستانبۇل پاكىستان-ئافغانىستان سۆھبىتىگە ساھىبخانلىق قىلىدۇ. سۈرەت: ئا پ. / AP
پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئافغانىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە شەنبە (25-ئۆكتەبىر) كۈنى ئىستانبۇلدا پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەتكە ساھىبخانلىق قىلىدىكەن.
پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تاھىر ھۈسەيىن ئاندىرابى پايتەخت ئىسلامئابادتا مۇخبىرلارغا بۇ شەنبە كۈنىدىكى يىغىننىڭ چېگرا ھالقىغان تېررورلۇقنى تىزگىنلەش ئۈچۈن «كونكرېت ۋە دەلىللىگىلى بولىدىغان نازارەت قىلىش مېخانىزمى» ئورنىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ: «بىز 2025-يىلى 19-ئۆكتەبىر قاتارنىڭ دوھا شەھىرىدە پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ تۇنجى قەدىمى بولغان كېلىشىمنى قارشى ئالىمىز. پاكىستان 25-ئۆكتەبىر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتتە، ئافغانىستان زېمىنىدىن پاكىستانغا كېلىدىغان تېررورلۇق خەۋپىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە پاكىستانلىقلارنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن، مۇۋاپىق ۋە دەلىللىگىلى بولىدىغان نازارەت قىلىش مېخانىزمىنىڭ ئورنىتىلىشىنىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ» دېدى.
كابۇل ئىستانبۇلدا سۆھبەتنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.
ئافغانىستاننىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت باياناتچىسى زابىھۇللاھ مۇجاھىد ئافغانىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مەۋلەۋى راھمەتۇللاھ نەجىبنىڭ رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئېكس (X) بېتىدە: «پاكىستان بىلەن قالغان مەسىلىلەر يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ» دېدى ۋە ئافغانىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كابۇلدىن ئىستانبۇلغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بىر قانچە كۈنلۈك چېگرا توقۇنۇشىدىن كېيىن، ئۆتكەن ھەپتە قاتار ۋە تۈركىيەنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن ئىسلامئاباد - كابۇل ئوتتۇرىسىدا دوھا شەھىرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان ئىدى.
پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئاندىرابى قاتار بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرسەتكەن «ئىجابىي رولى» ئۈچۈن چوڭقۇر مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.