سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
مامدانى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نيۇيورك شەھىرى دەسلەپكى سايلىمىدا تارىخىي غەلىبىگە يېقىنلاشتى
نيۇيوركنىڭ سابىق ۋالىيسى ئاندرېۋ كۇومو بىلەن كۋېنىس رايونى پالاتا ئەزاسى زوھران مامدانى نيۇيورك شەھىرىنى زىلزىلىگە سالغان ھەمدە شەھەرنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلىيەلەيدىغان كەسكىن سايلام رىقابەتلىرىنىڭ بىرىدە بەيگىگە چۈشتى.
مامدانى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نيۇيورك شەھىرى دەسلەپكى سايلىمىدا تارىخىي غەلىبىگە يېقىنلاشتى
/ AP

33 ياشلىق دېموكراتىك سوتسىيالىست زوھران مامدانى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نيۇيورك شەھىرىنىڭ دەسلەپكى سايلىمىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى؛  ئەگەر ئۇ سايلىنىپ قالسا، شەھەرنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان شەھەر باشلىقى بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئاساسلىق رەقىبى، نيۇيوركنىڭ سابىق ۋالىيسى ئاندرېۋ كۇومو نەتىجىنى قوبۇل قىلىپ: «بۇ كېچە ئۇنىڭ كېچىسى. ئۇ بۇنىڭغا لايىق. ئۇ غەلىبە قىلدى» دېدى.

كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر شەھەر باشلىقلىقى تەييارلىق سايلىمىنىڭ، ھېچقانداق نامزاتنىڭ كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشەلمەسلىكى سەۋەبىدىن، دەرىجىگە ئايرىپ تاللاش سىستېمىسى بىلەن ئاخىرلىشىشىنى كۈتكەنىدى.

مامدانىنىڭ سايلام ئىشلىرى دىرېكتورى ئەللې بىسگارد-چېرچ: «بىز تېخىمۇ ياخشى ۋە تېخىمۇ ئەرزان كەلگۈسى يۆنىلىشىمىزدىن ئىلھام ئالغان، ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن رېكورت يارىتىپ سايلام ساندۇقىغا كەلگەن بەش رايوندىكى سايلىغۇچىلارغا چەكسىز مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز» دېدى.

كۋېنىس رايونى پالاتا ئەزاسى بولغان 33 ياشلىق مامدانى ئىلگىرى كۆپ تونۇلمايتتى، لېكىن توردا كەڭ تارقالغان تەشۋىقاتلار ۋە ياشلار يېتەكلىگەن ئىلغار ھەرىكەتلەر سايىسىدا سىياسىي ساھەنى ھەيران قالدۇردى.

مامدانىنىڭ نەتىجىسىنىڭ تەسىرى بەش رايوندىن ھالقىپ كەتتى ھەمدە ئۇنىڭ جاسارەتلىك پىروگراممىسى ۋە ئوچۇق-ئاشكارا سولچىل پوزىتسىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولماقتا.

دۆلەتنىڭ ئەڭ كۆپ خىللاشقان رايونلىرىنىڭ بىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، ئۈچ نۆۋەت ئىشتات پالاتا ئەزاسى بولغان مامدانى ياش سايلىغۇچىلاردىن كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، چەكلىك تەجرىبىسى، ساقچى ۋە تۇرالغۇ سىياسىتى ھەمدە ئىسرائىلىيەگە قارشى ئوچۇق-ئاشكارا مەيدانى سەۋەبىدىن بەزى سايلىغۇچىلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

سايلىغۇچىلار كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ئىسسىق ھاۋا دولقۇنىدا بېلەت تاشلىدى ھەمدە راي سىناش كۈتۈلمىگەن رەقىب زوھران مامدانى بىلەن 67 ياشلىق سابىق ئىشتات ۋالىيسى ئاندرېۋ كۇومونى ئارىسىدا داۋاملاشتى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى دەسلەپكى سايلامنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، 2021-يىللىق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى نامزاتى كۇرتىس سلىۋاغا يەنە بىر قېتىم نامزاتلىق سالاھىيىتى بەردى.

2025-يىلى 4-نويابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان نيۇيورك شەھەر باشلىقى سايلىمى سلىۋا، دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتى مامدانى ۋە مۇستەقىل ھالدا ئىككىنچى قېتىم سايلىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ھازىرقى شەھەر باشلىقى ئېرىك ئادامس ئوتتۇرىسىدىكى بىر قېتىملىق رىقابەتكە سەھنە بولىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى