ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنا ئۈچۈن 105 مىليارد دوللارلىق قەرزنى تەستىقلىدى، ئەمما توڭلىتىلغان رۇسىيە مۈلكىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلەلمىدى.
بىريۇسسېلدا توڭلىتىلغان رۇسىيە مۈلكىدىن پايدىلىنىش پىلانى پىكىر بىرلىكى بولمىغانلىقتىن ئەمەلدىن قېلىپ، ئورنىغا خامچوت كاپالىتىدىكى قەرز پىلانى تەستىقلاندى. بۇ ئۇرۇش بىلەن دىپلوماتىيە گىرەلىشىپ كەتكەن بىر پەيتتە كىيېۋنى قىسقا مۇددەتلىك مۇقىملىق بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىريۇسسېلدا كېچە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا، ئۇكرائىنانىڭ يېقىنلىشىپ قالغان خامچوت قىزىل رەقىمىنى تولۇقلاشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 90 مىليارد ياۋرو (105 مىليارد دوللار) قەرز بېرىش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
رەھبەرلەر جۈمە (2025-يىلى 19-دېكابىر) كۈنى توڭلىتىلغان رۇسىيە مۈلكىدىن پايدىلىنىپ مەبلەغ توپلاشنىڭ ئورنىغا، ئىتتىپاقنىڭ ئورتاق خامچوتى كاپالەتلىك قىلىدىغان ئىككى يىللىق قەرز پىلانىدا بىرلىككە كەلدى.
ئامېرىكا پىرىزېدېنتى دونالد ترامپ تۆت يىلغا يېقىنلاشقان ئۇرۇشنى تېز سۈرئەتتە دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ قارار كىيېۋ ئۈچۈن ئابىھايات ھېسابلىنىدۇ.
ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئانتونىيو كوستا (Antonio Costa) بۇ ياردەم پىلانىنىڭ كىيېۋنى «ئۆزىنى قوغداش ۋە ئۇكرائىنا خەلقىنى قوللاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ۋاسىتىلەر» بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇكرائىنا پىرىزېدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي جۈمە كۈنى قاراردىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ كېلىشىمگە ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتكەن مۇھىم قەدەم باھالىدى.
ئۇ ئېكس (X) ئادرېسىدا: «بۇ بىزنىڭ چىدامچانلىقىمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتىدىغان مۇھىم ياردەم» دېدى ۋە ئۇكرائىنا ئۇزۇن مۇددەتلىك مالىيە كاپالىتىگە ئېرىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە مال-مۈلكىنىڭ داۋاملىق توڭلىتىلغان ھالەتتە تۇرۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى.
توڭلىتىلغان رۇسىيە مۈلكىگە ئائىت پىلانلار ئەمەلدىن قالدى
مەزكۇر كېلىشىم ياۋروپا ئىتتىپاقى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى بېلگىيەدە ساقلىنىۋاتقان تەخمىنەن 200 مىليارد ياۋرو (235 مىليارد دوللار) قىممىتىدىكى رۇسىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ توڭلىتىلغان مۈلكىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىغانلىقتىن تۈزۈلگەن بولدى. گېرمانىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا قارىماي، قانۇنىي جاۋابكارلىق ۋە خەتەرگە تەڭ مەسئۇل بولۇش مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلەر ئاخىرىدا بۇ تەكلىپنىڭ مەغلۇب بولۇشىغا سەۋەب بولدى.
بېلگىيە باش مىنىستىرى بارت دې ۋېۋېر (Bart De Wever) ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان پىلاننىڭ «ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە قورقۇنچلىق» ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشنىڭ رەھبەرلەرگە تەسەللىي بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنداق بولسىمۇ، گېرمانىيە باش مىنىستىرى فرىدرىخ مېرز يېڭى قەرز كېلىشىمىنىڭ رۇسىيە پىرىزېدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا «ئېنىق سىگنال» بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا فوندېر لېيېن ئۇكرائىنانىڭ پەقەت رۇسىيە ئۆز تاجاۋۇزچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تۆلىگەندىن كېيىنلا، ئاندىن قەرزنى قايتۇرۇشقا باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئۇكرائىنا ئىقتىسادىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كەلگۈسى ئىككى يىلدا يەنە 135 مىليارد ياۋرو (159 مىليارد دوللار) غا ئېھتىياجلىق بولۇپ، مالىيە بېسىمىنىڭ ئاپرېل (2026) دا قايتىدىن كۈچىيىدىكەن.
كىيېۋ رەھبەرلەرنى رۇسىيە مۈلكىنى بىۋاسىتە مۇسادىرە قىلىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما باشقا يوللار بىلەن مەبلەغنىڭ ھەل قىلىنىشى، قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ جىددىي ئەندىشىلەرنى پەسەيتىدۇ.
تېز ھەرىكەت قىلىش
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇكرائىنانى قەرز بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە قايتىدىن باشلانغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە توپلاندى.
زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ۋە ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا ۋاشىنگتوندا سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، سۆھبەتنىڭ رۇسىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ بولسا، تېز ھەرىكەت قىلىش چاقىرىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ، كىيېۋنى كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.