سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي ئىككى سابىق مىنىستىرغا ئۆلۈم جازاسى بەردى
خىتاي ئىككى سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، «ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلگەن ئۆلۈم جازاسى» بەردى.
خىتاي ئىككى سابىق مىنىستىرغا ئۆلۈم جازاسى بەردى
ۋېي فېڭخې ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە، 2018-يىلى 6-سېنتەبىر، بىرازىلىيە. [رويتېرس، ئارخىپ سۈرەت] / Reuters

سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىدىن ۋېي فېڭخې (Wei Fenghe) بىلەن لى شاڭفۇ (Li Shangfu) پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلگەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ۋە سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى.

پەيشەنبە (2026-يىلى 7-ماي) كۈنى خىتاينىڭ ئىككى سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلگەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھەربىي سوت مەھكىمىسى ۋېي فېڭخې بىلەن لى شاڭفۇ ئۈستىدىن ئايرىم-ئايرىم ھۆكۈم چىقارغان.

ۋېي فېڭخې پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن، لى شاڭفۇ بولسا پارا ئېلىش ۋە پارا بېرىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

بۇ ئىككى سابىق ئەمەلدار مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى ۋە سابىق دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئىدى.

ئۇلار سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىنغاندىن باشقا، بارلىق شەخسىي مال-مۈلۈكلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

سوتنىڭ ھۆكۈمىگە ئاساسەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، خىتاي قانۇنى بويىچە ئۇلارنىڭ جازاسى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلىدۇ. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار جازانى يېنىكلىتىش ياكى شەرتلىك قويۇپ بېرىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولالمايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - China probing defence minister for corruption: report
ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى
پاكىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، يەتتە كىشى قازا قىلدى
ئىران-ئىسرائىلىيە سۈركىلىشى قايتىدىن كۈچەيدى
تۈركىيە تۆت ئاي ئىچىدە 195 مىليون دوللارلىق لىمون ئېكسپورت قىلدى
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئارىزوناغا يېتىپ باردى
مىنىستىر فىدان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا ئىستىخباراتى ئىسرائىلىيەنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى
شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن شىمالىي كورېيە: «يادرو پىلانىمىز مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ» دېدى
ئامېرىكا ئىرانغا تەۋە ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى
جەۋدەت يىلماز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى كوماندىسىنى تەبرىكلىدى