خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
نېتانياھۇ «دۇرۇزىلارنى قوغداش»نى باھانە قىلىپ، سۈرىيەنىڭ جەنۇبقا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ، گولان ئېگىزلىكى بىلەن جەبەل ئەددۇرۇزى ئارىلىقىدىكى رايونلارنىڭ سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر سىياسىي تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى.
نېتانياھۇ «دۇرۇزىلارنى قوغداش»نى باھانە قىلىپ، سۈرىيەنىڭ جەنۇبقا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا
/ Reuters

ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇشخۇمار باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ، ھۆكۈمىتىنىڭ دەمەشىقنىڭ جەنۇبىدىن تارتىپ جەبەل ئەددۇرۇزى رايونىغىچە بولغان زېمىننى «ئەسكەرسىزلەندۈرۈش» سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىدى.

نېتانياھۇ پەيشەنبە كۈنى ئاۋازلىق بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئېنىق بىر سىياسەتنى بېكىتتۇق، ئۇ بولسىمۇ، دەمەشىقنىڭ جەنۇبىدىكى رايوننى، يەنى گولان ئېگىزلىكىدىن جەبەل ئەددۇرۇزى رايونىغىچە بولغان زېمىننى ئەسكەرسىزلەندۈرۈش. بۇ بىزنىڭ بىرىنچى مۇداپىئە سېپىمىز».

نېتانياھۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئىككىنچى سېپىمىز بولسا، جەبەل ئەددۇرۇزى رايونىدىكى دۇرۇزىلارنى قوغداش» دېگەن ۋە سۈرىيەنىڭ سۇۋەيدا ۋىلايىتىگە جايلاشقان ھەمدە جەبەل ئەلئەرەب ياكى جەبەل ھاۋران دەپمۇ ئاتىلىدىغان، دېڭىز يۈزىدىن 1800 مېتىردىن ئاشىدىغان ئېگىزلىكتىكى ئونلىغان يېزا-بازارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاغلىق رايوننى تىلغا ئالدى.

ئۆزىنىڭ سۈرىيەدىكى دۇرۇزى ئاز سانلىقلارنىڭ ھامىيسى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى يالغان دەۋالىرىنى تەكرارلىغان نېتانياھۇ، بۇ ئىككى يۆنىلىشلىك پوزىتسىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسىتى سۈپىتىدە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «دەمەشىقنىڭ جەنۇبىغا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋە جەبەل ئەددۇرۇزىدىكى دۇرۇزىلارنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسرائىلىيە، چېگراسى بويىدا ئەسكەرسىزلەندۈرۈلگەن «تەڭپۇڭ رايون» بەرپا قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ھەربىي تاجاۋۇزچىلىقىنى ئاقلاش ئۈچۈن، «دۇرۇزى ئاز سانلىقلارنى قوغداش» باھانىسىنى كۆپ قېتىم كۆتۈرۈپ چىقتى.

سۈرىيەدىكى نوپۇزلۇق دۇرۇزى ئەربابلار چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئايرىمچىلىقنى رەت قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن سۈرىيەگە بولغان ساداقىتىنى قايتا تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى.

نېتانياھۇ، «كۈچ بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش» دەۋاسى قىلدى

نېتانياھۇ ئوخشاش باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ چارشەنبە كۈنى سۇۋەيدادىكى سۈرىيە ئارمىيەسى بازىلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، دەمەشىقتىكى سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭمۇ بىۋاسىتە ھۇجۇم نىشانى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە چارشەنبە كۈنى، يېقىنقى ئايلاردىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملىرىنىڭ بىرىنى قوزغاپ، سۇۋەيدا، دەرئا، دەمەشىق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تۆت ۋىلايەتتىكى 160 تىن ئارتۇق ئورۇنغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. بۇ ھۇجۇملار باش ئىشتاب قوماندانلىق مەركىزى ۋە پايتەختتىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئەتراپىنى زەربە ئوبيېكتى قىلدى.

بۇ جەرياندا ئىسرائىلىيە 30 دىن ئارتۇق سۈرىيەلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 100 گە يېقىن كىشىنى يارىلاندۇردى. بۇ قىلمىش ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

سۈرىيەدىكى يېڭى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت تەرەپتىن ھېچقانداق تەھدىت بولمىسىمۇ، ئىسرائىلىيە يېقىنقى ئايلاردا ھەر كۈنى دېگۈدەك سۈرىيەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈردى، ھەربىي بازىلارنى، ئەسلىھەلەرنى ۋە ئوق-دورا ئىسكىلاتلىرىنى ۋەيران قىلدى.

نېتانياھۇ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ۋە سۈرىيە قىسىملىرىنىڭ دەمەشىققە چېكىنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ ئەھۋالنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن نېتانياھۇ: «بۇ ئۇرۇش توختىتىش تەلەپ ياكى يېلىنىشلار بىلەن ئەمەس، بەلكى كۈچ بىلەن قولغا كەلتۈرۈلدى» دېدى.

پەيشەنبە كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تېل ئاۋىۋنىڭ سۈرىيەگە قاراتقان ئۈزلۈكسىز تاجاۋۇزچىلىقىنى ئەيىبلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندىكى ۋەزىيەتنى ئۆز قىلمىشلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىدىغان قانۇن-قائىدە تونۇماس، پىرىنسىپسىز، ئەركە ۋە ھەددىدىن ئاشقان بىر تېررور دۆلىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە دۇرۇزىلارنى باھانە قىلىپ، بۇلاڭچىلىق مەيدانىنى يېقىنقى ئىككى كۈندىن بۇيان قوشنىمىز سۈرىيەگە يۆتكىدى. ھازىرقى باسقۇچتا رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدۇر. ئەگەر بۇ ئالۋاستى (ئىسرائىلىيە) دەرھال توختىتىلمىسا، ئالدى بىلەن رايونىمىزنى، ئاندىن پۈتۈن دۇنيانى ئوت-يالقۇنغا تاشلاشتىن يانمايدۇ.»

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، يېڭىدىن قۇرۇلغان سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي قۇرۇلمىسىنىڭ ۋەزىيەتنى تولۇق كونترول قىلالماسلىقى، سۇۋەيدادا بىر مەزگىل ئىراننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئوقى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان دىنىي زاتتىن، «ئىسرائىلىيە دۈشمەن ئەمەس» دەيدىغان شەخسكە ئايلانغان ئىككى يۈزلىمىچى دۇرۇزى ئۇرۇشخۇمارى ھىكمەت ئەلھىجرىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىۋەتكەن.

ئىسرائىلىيە 1967-يىلىدىن بۇيان سۈرىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلىپ كەلمەكتە. 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە گولان ئېگىزلىكىدىكى ئىشغالىيىتىنى كېڭەيتىپ، سۈرىيەنىڭ ئەسكەرسىزلەندۈرۈلگەن رايونىنىمۇ ئۆز كونتروللۇقىغا ئالدى.

ئىزدىنىڭ
ئىران: ھورمۇز بوغۇزى ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلىدە بارلىق سودا پاراخوتلىرىغا ئېچىۋېتىلىدۇ
ئەردوغان: ئىرانغا قىلىنغان قانۇنسىز ھۇجۇملار رايوندىكى بىخەتەرلىك خەۋپىنى ئاشۇردى
فىدان مىسىر، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
سۈرىيە ئىسرائىلىيەنىڭ 1974-يىلقى چېگرا لىنىيەلىرىگە چېكىنىش چاقىرىقىدا بولدى
«ياۋروپا تېخىمۇ يۇقىرى پۇل پاخاللىقى ۋە ئاستا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قاراپ يۈزلىنىشى مۇمكىن»
ئەرەب ئەللىرى ئىسرائىلىيە-لىۋان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
فىدان ئانتاليادا شاھباز شەرىف بىلەن ئامېرىكا-ئىران تىنچلىق سۆھبىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى
سۈرىيە قىسىملىرى ئامېرىكا چېكىنگەندىن كېيىن ھەسەكەدىكى قاسراق ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا كىردى
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى: ياۋروپانىڭ رېئاكتىپ ئايروپىلان يېقىلغۇسى 6 ھەپتىلا يېتىشى مۇمكىن
ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى» مودېلىغا قايتىش يوللىنى تاللىدى؟
ئىسرائىلىيە زاھرانى دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا ياشايدىغان لىۋانلىقلارنىڭ رايوننى بوشىتىشىنى تەلەپ قىلدى
خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى باشلىقى: ئىران دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە «جەزمەن» قاتنىشىدۇ
پېنتاگوننىڭ كۇباغا قىلىنغۇسى ھەربىي ھەرىكەت پىلانىنى «تېزلەتكەن»لىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
قۇرتۇلمۇش ئىسرائىلىيەنىڭ ب د ت دىكى ئەزالىقىنى توختىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى
8-نۆۋەتلىك «TRT Humanitarian» فىلىم فېستىۋالىغا ئىلتىماس سۇنۇش باشلاندى