ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئالاقە يوق، شۇڭا ئىككى تەرەپنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەيدۇ. ئىسرائىلىيە خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدە ھەرقانداق رول ئېلىشىنى رەت قىلدى، لېكىن پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى يىغىنغا قاتنىشىدۇ.
تۈركىيە، ئىيوردانىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مىسىرنىڭ قىزىل دېڭىز قىرغىقىدىكى ساياھەت شەھىرى شەرمۇششەيختە ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنى بىلەن ئوخشاش بىر كۈندە، ھاماسنىڭ قولىدىكى 20 نەپەر ئىسرائىلىيەلىك گۆرۈگە ئېلىنغان كىشىنى قويۇپ بېرىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ يۈزلىگەن پەلەستىنلىكنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشى كۈتۈلمەكتە.
لېكىن، كەلگۈسىدە نېمە بولىدىغانلىقىغا دائىر چوڭ سوئاللار تېخىچە جاۋابسىز ھالەتتە تۇرماقتا ۋە ئۇرۇشنىڭ قايتىدىن ئەۋج ئېلىپ كېتىش خەۋپى مەۋجۇت.
ئۇنداقتا، دۇنيا رەھبەرلىرى نېمە ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولىدۇ؟
يېڭى بىر سەھىپە
ئىككى تەرەپ ئامېرىكا، ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ تۇنجى باسقۇچى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى. ئىسرائىلىيە ۋە ھاماس نۇرغۇن مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق تېخنىكىلىق ھەم ئىقتىسادىي ياردەمگە موھتاج.
مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسىنىڭ ئىشخانىسى، باشلىقلار يىغىنىنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن تىنچلىق ئورنىتىشنى ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن يېڭى بىر سەھىپە ئېچىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مارت ئېيىدا مىسىر غەززەنىڭ 2 مىليون 300 مىڭ نوپۇسىنىڭ ئۆز جايىدا قېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىغان بىر ئۇرۇشتىن كېيىنكى پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇ پىلان ئەينى ۋاقىتتا ترامپنىڭ رايوننى قۇرۇقداش پىلانىغا قارشى تەكلىپ ھېسابلىناتتى. باشلىقلار يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىككى رەھبەر، ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن بىر يول خەرىتىسى ئۈستىدە بىرلىكتە ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
تەخمىنەن ئىككى سائەت داۋاملىشىشى مۆلچەرلەنگەن يىغىندا، قېپقالغان مەسىلىلەرنىڭ چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەيدۇ. سىسى ۋە ترامپنىڭ يىغىن ئاخىرىدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلىشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا.
بىرىنچى باسقۇچ دائىرىسىدە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەززەنىڭ بەزى جايلىرىدىن چېكىنىپ چىقتى ۋە يۈز مىڭلىغان پەلەستىنلىكنىڭ كۆچۈرۈلگەن رايونلىرىغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلىندى. ياردەم ئاپپاراتلىرى ئايلاردىن بېرى رايونغا يەتكۈزۈلمىگەن زور مىقداردىكى ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا.
گۆرۈگە ئېلىنغانلار ۋە مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش: ئەشيا ئوبوروتىدىكى قىيىنچىلىق
سۆھبەتلەردە ھاماسنى قورالسىزلاندۇرۇش، ئۇرۇشتىن كېيىن غەززەنى باشقۇرىدىغان بىر ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندىن قايسى دەرىجىدە چېكىنىپ چىقىشى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ترامپنىڭ پىلانىدا يەنە رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق شېرىكلەرنىڭ يېڭى بىر پەلەستىن خەۋپسىزلىك قىسمىنىڭ ئاساسىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىغىمۇ ئىشارەت قىلىنماقتا.
غەززەنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشمۇ مۇھىم بىر مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا بانكىسى ۋە مىسىرنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى پىلانىدا، غەززەدىكى قايتا قۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىياجى 53 مىليارد دوللار دەپ مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، مىسىر كەلگۈسىدە بىر قايتا قۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا.
يىغىنغا كىملەر قاتناشمايدۇ؟
ئىسرائىلىيە ۋە ھاماس. بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدىغان ۋە ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم مەغلۇب بولغان سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغان بۇ ئىككى ئاساسلىق تەرەپ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشمايدۇ. ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك سۆھبەتلەر مىسىر ۋە قاتارنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە دوھادا ۋاسىتىلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلغانىدى.
ئۆتكەن يىلى ئىسرائىلىيە بىلەن 12 كۈنلۈك توقۇنۇشقا كىرگەن ۋە 1979-يىلدىكى ئىنقىلابتىن بۇيانقى ئەڭ ئاجىز مەزگىللىرىنىڭ بىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىرانمۇ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشمايدۇ. ئىرانلىق ئەمەلدارلار ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ھاماس ئۈچۈن بىر غەلىبە دەپ ئاتىدى، لېكىن بۇ ئەھۋال ئىراننىڭ رايوندىكى تەسىرىنىڭ ئاجىزلىشىۋاتقانلىقى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان يېڭى بىر توقۇنۇش ئەندىشىسىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ چىقتى.
دۆلەتنىڭ رولى
يىغىندا دۇنيا رەھبەرلىرى ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىشى مۇمكىن. سىسى بولسا، مىسىرنىڭ غەززەنىڭ قۇرۇقدىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنى خاتىرجەم ھېس قىلماقتا.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭمۇ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشى كۈتۈلمەكتە. تۈركىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىدى. قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭمۇ سۆھبەتكە قاتنىشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھمۇ قاتناشقۇچىلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئىيوردانىيە مىسىر بىلەن بىرلىكتە يېڭى پەلەستىن خەۋپسىزلىك قىسمىنى تەربىيەلەيدۇ.
ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ كۈچلۈك خەلقئارالىق قوللىغۇچىلىرىدىن ۋە ئەڭ چوڭ ھەربىي ئەسلىھە بىلەن تەمىنلىگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان گېرمانىيەگە ۋاكالىتەن باش مىنىستىر فرىدرىخ مېرز قاتنىشىدۇ. مېرز ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش جەريانىدىكى پوزىتسىيەسى ۋە غەززەنى ھەربىي جەھەتتىن ئىگىلەش پىلانىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەنىدى. گېرمانىيە مىسىر بىلەن بىرلىكتە غەززەنى قايتا قۇرۇش يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشنى پىلانلىماقتا.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېيىر ستارمېرمۇ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشنى پىلانلىماقتا. ستارمېر ئەنگلىيەنىڭ غەززەنى سۇ ۋە تازىلىق ئىشلىرى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن 20 مىليون فوندىستېرلىڭ (27 مىليون دوللار) ۋەدە قىلىدىغانلىقىنى ۋە غەززەنى قايتا قۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈچ كۈنلۈك بىر يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى ئانتونىيو كوستا ۋە ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىئا مېلونىمۇ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
يىغىن ئورنى
سىنا يېرىم ئارىلىنىڭ چېتىگە جايلاشقان قىزىل دېڭىز ساياھەت شەھىرى شەرمۇششەيخ، يېقىنقى يىللاردا نۇرغۇن تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ساھىبخانلىق قىلدى. شەرمۇششەيخ 1956-يىلى بىر يىل بويىچە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانىدى. ئىسرائىلىيە چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، 1967-يىلى مىسىر پىرېزىدېنتى جامال ئابدۇناسىر تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ئايرىلىشىنى بۇيرۇغانغا قەدەر بۇ يەردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسمى تۇرغانىدى. بۇ ھەرىكەت شۇ يىلقى ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.
شەرمۇششەيخ ۋە سىنا يېرىم ئارىلىنىڭ قالغان قىسمى، 1979-يىلى ئىسرائىلىيە بىلەن تۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىمىدىن كېيىن 1982-يىلى مىسىرغا قايتۇرۇپ بېرىلدى. بۇ شەھەر ھەشەمەتلىك بىر دېڭىز بويى ساياھەت رايونى، سۇغا شۇڭغۇش نۇقتىلىرى ۋە قۇملۇق ساياھىتى بىلەن تونۇلۇشىدىن سىرت، 2011-يىلى تەختتىن چۈشكەن پىرېزىدېنت ھۈسنى مۇبارەك دەۋرىدە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى نۇرغۇن تىنچلىق ئورنىتىشنى مەقسەت قىلغان باشلىقلار يىغىنى ۋە سۆھبەت مۇساپىلىرىگە ساھىبخانلىق قىلغانىدى.














