خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى: «ھورمۇز بوغۇزىدىن ئاخىرقى 24 سائەتتە 33 پاراخوت ئۆتتى» دېدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى، ئاخىرقى 24 سائەتتە ھورمۇز بوغۇزىدىن 33 پاراخوتنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى: «ھورمۇز بوغۇزىدىن ئاخىرقى 24 سائەتتە 33 پاراخوت ئۆتتى» دېدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى: «ھورمۇز بوغۇزىدىن ئاخىرقى 24 سائەتتە 33 پاراخوت ئۆتتى» دېدى

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ، ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى دېڭىز قىسىملىرىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاخىرقى 24 سائەتتە نېفىت تانكىرلىرى، كونتېينېر پاراخوتلىرى ۋە باشقا سودا پاراخوتلىرى بولۇپ. جەمئىي33 پاراخوت، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ماسلىشىشى ۋە بىخەتەرلىكى ئاستىدا ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتكەن.

ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى 21-مايدا 31 پاراخوت، 22-مايدا 35 پاراخوت، 23-مايدا بولسا 25 پاراخوتنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى تاقىشى ۋە ئامېرىكانىڭ دېڭىز قامالى

ئىران، ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرالدا قوزقىغان ئورتاق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن يەر شارى ئېنېرگىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆتۈش نۇقتىلىرىدىن ھورمۇز بوغۇزىنى تاقىۋەتكەن ئىدى.

ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا 8-ئاپرېلدا ھاسىل قىلىنغان ئوۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن پاكىستان ۋاسىتىچىلىقىدىكى سۆھبەتتىن نەتىجە چىقمىغاندىن كېيىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، 13-ئاپرېلدا ئىرانغا دېڭىز قامالى يۈرگۈزۈش قارارى ئالغان ۋە ھورمۇز بوغۇزىغا كىرىپ چىقىۋاتقان ئىرانغا چېتىشلىق پاراخوتلارغا مۇداخىلە قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

ئىران، 17-ئاپرېلدا لىۋاندا ئۇرۇش توختىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇرۇش توختىتىش جەريانىدا ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئىران دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن ماسلىشىش شەرتى ئاستىدا سودا پاراخوتلىرىنىڭ ئۆتۈشىگە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان، ئەمما ئامېرىكانىڭ دېڭىز قامالىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىدىن كېيىن بوغۇزدىن ئۆتۈشلەرگە قايتىدىن چەكلىمىلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا بۇ مۇساپىدە ئومان دېڭىزى ۋە ھىندى ئوكياندا ئىرانغا ئائىت بەزى سودا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ مۇسادىرە قىلغان بولسا،، ئىرانمۇ بۇنىڭغا قارىتا ھورمۇز بوغۇزى يېقىنلىرىدا بىرسى ئىسرائىلىيەگە تەۋە بەزى ئالاقىدار پاراخوتلارغا مۇداخىلە قىلىپ مۇسادىرە قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى