خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە غەربنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشىغا قايتۇرىدىغان ئىنكاس مەسىلىسىدە ئىككىگە بۆلۈندى
نېتانياھۇ ئىتتىپاقنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ماسلىشىشنى تەكىتلەپ، ئاشقۇن ئوڭ قاناتنىڭ بېسىمىغا قارىماي، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى قوشۇۋېلىشقا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا.
ئىسرائىلىيە غەربنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشىغا قايتۇرىدىغان ئىنكاس مەسىلىسىدە ئىككىگە بۆلۈندى
/ AP

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پەلەستىن دۆلىتىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئېتىراپ قىلىنىش دولقۇنى ئالدىدا، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەت ئىتتىپاقى ئىچىدە ئىختىلاپلار كۆرۈلمەكتە.

12-قانالنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىرقىي قىرغىنچى بېنيامىن نېتانياھۇ يەكشەنبە كۈنى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قارارىغا ئىسرائىلىيەنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جىددىي يىغىن چاقىرغان بولۇپ، ئۇنىڭ يىغىنغا دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى ئىتامار بېن-گىۋىر بىلەن مالىيە مىنىستىرى بېزالېل سموترىچنى كىرگۈزمەسلىكى ئىتتىپاق ئىچىدە جىددىيچىلىك پەيدا قىلغان.

خەۋەردە ئىسمى ئاشكارىلانمىغان سىياسىي مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېن-گىۋىرنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بۇ ھەرىكەتنى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى كېڭەيتىش تەلىپىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن قىلىنغان بىر تىرىشچانلىق دەپ باھالىغان.

بېن-گىۋىر ۋە باشقا ئاشقۇن ئوڭ قانات ئەربابلار قوشۇۋېلىش پىلانىنى تېزلىتىش ۋە پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى تارقىتىۋېتىش قاتارلىق تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمەكتە.

بىراق نېتانياھۇنىڭ ئىتتىپاقنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە تېخىمۇ كۆپ دىپلوماتىك مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىشتىن ساقلىنىشنى نىشان قىلغان ھالدا تېخىمۇ ئېھتىياتچان بىر پوزىتسىيەنى تاللىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

يىغىندا نېتانياھۇنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىنكاسىنى بېكىتىش جەريانىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىندىن ماسلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

يەكشەنبە كۈنى، ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە پورتۇگالىيە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ب د ت غا ئەزا 193 دۆلەت ئىچىدە بۇ قەدەمنى باسقان دۆلەتلەرنىڭ سانى 153 كە يەتتى.

مالتا، لىيۇكسېمبۇرگ، فىرانسىيە، بېلگىيە ۋە ئەرمېنىيەگە ئوخشاش يەنە 11 دۆلەت بۇ ئايدا نىيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 80-نۆۋەتلىك يىغىنىدا پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇزاكىرىلەر ئۈچۈن دۈشەنبە كۈنى بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ