تىبەتتە يەر تەۋرىدى

تىبەت رايونىدا بۈگۈن (2025-يىلى 7-يانۋار) شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9 دىن بىر قانچە مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا 95 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

تىبەتتىكى زېمىن تەۋرەشتە ئەڭ ئاز 53 كىشى ئۆلدى / سۈرەت: DPA (dpa) / DPA

تىبەتنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى رىكازى دىڭرى ناھىيەسى ئەتراپىدا يەر يۈزىدىن 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يەر تەۋرىدى. يەر تەۋرەشتە 95 كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 130 كىشى يارىلاندى. يەر تەۋرەش دىڭرى ناھىيەسى ۋە ئەتراپىدا زور بۇزغۇنچىلىقلارغا سەۋەب بولدى. تىبەتكە قوشنا دۆلەت ھىندىستاننىڭ بەزى رايونلىرىدىمۇ بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ھېس قىلىندى.

خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاپەت رايونىغا قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئۈچۈن تىك ئۇچار ۋە ئۇچقۇلارنى ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى قىيىن ھاۋا رايى شارائىتلىرى ۋە يەرنىڭ تاغلىق بولۇشى سەۋەبىدىن تۈرلۈك توسقۇنلۇقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

بىلدۈرۈلىشىچە، رايوندا ئېلېكتىر ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرى ئۈزۈلۈپ قالغان.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەتقىقاتلار مەركىزى (USGS) يەر تەۋرەشنىڭ 7.1 بال ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.