كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار... مىڭلارچە كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرۇۋاتىسىلەر. بەلكىم باكۇنىڭ تاش كوچىلىرىدا، بەلكىم بىشكەكنىڭ شاماللىق مەيدانلىرىدا ياكى تاشكەنتنىڭ قايناق بازارلىرىنىڭ بىرىدە... ئۆزۈڭلارغا ناتونۇش بىر تىل مۇھىتىدا قالدىڭلار، دەپ ئويلاڭلار. لېكىن بىر ئىستاكان قەھۋە بۇيرۇتۇش، بىر مەنزىلنى سوراش ياكى ئاددىلا «ياخشىمۇسىز» دېيىش ئۈچۈن ناتونۇش لۇغەتنى ۋاراقلاشنىڭ ھاجىتى يوق. بىر قانچە كىچىك ئاۋاز پەرقى ۋە تەلەپپۇزدىكى ئازراق ئۆزگىرىشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۆزلىگەن تىلىڭلار ئۆزۈڭلارگە ئىنتايىن تونۇش، خۇددى ئۆيۈڭلاردەك يېقىملىق تۇيۇلىدۇ...
تۈرك دۇنياسىنىڭ تىللىرى ۋە ئەسىرلەرگە سوزۇلغان ئورتاقلىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يىلتىزى تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا تۇتىشىدىغان زور تىل مىراسىنى تىلغا ئېلىش كېرەك. تۈركىيە تۈركچىسىدىن قازاقچىغىچە، قىرغىزچىدىن ئۆزبېكچىگىچە، تۈركمەنچىدىن ئەزەربەيجان تۈركچىسىگىچە، تاتارچە ۋە ئۇيغۇرچىغىچە سوزۇلغان بۇ كەڭ تىل جۇغراپىيەسى ئوخشاش بىر يىلتىزدىن كۆكلەپ چىققان يوغان چىنارنىڭ شاخلىرىغا ئوخشايدۇ.
ئەسىرلەر بويى ئارىلىقتىكى يىراقلىق، ئوخشىمىغان جۇغراپىيە ۋە سىزىلغان چېگرالارغا قارىماي، ئوخشاش ماھىيەتنى تونۇيدىغان، ئوخشاش كىملىكنى ئورتاقلىشىدىغان بۇ تىللار ئورتاق سۆزلەر ۋە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يېتىپ كەلگەن چوڭ بىر ئاۋاز ئائىلىسىدۇر.
تىل پەقەت ئۆزئارا چۈشىنىشىش قورالى ئەمەس، تىل بىر ئۆيدۇر، دېيىشىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئۆينىڭ ھۇجرىلىرى ئارىسىدىكى ئىشىكلەر قانچىلىك ئوچۇق؟ ئوغۇز، قىپچاق، قارلۇق ۋە سىبىرىيە تارماقلىرىغىچە سوزۇلغان تۈركىي تىللار ئائىلىسى گەرچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئۈزۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇپ كېلىنگەن بولسىمۇ، ئۈزۈلمەي ساقلىنىپ قالغان غايەت زور قېرىنداشلىق تورىدۇر. بۈگۈن باكۇدىن تاشكەنتكىچە، ئاستانادىن ئاشقاباتقىچە بولغان جۇغراپىيەدە ساياھەت قىلغان كىشى ئەمەلىيەتتە ئۆز يىلتىزىنىڭ ئىزلىرىنى قوغلىغان ئەسلىمە ساياھەتچىسىدۇر.
مانا بۇ ئۆزئارا چۈشىنىشچانلىق، يەنى ئوخشاش يىلتىزدىن كەلگەن سۆزلەرنىڭ كاللىمىزدا پەيدا قىلىدىغان «تونۇش» تۇيغۇسى زامانىۋى دۇنيادىكى ئەڭ زور ساياھەت يوشۇرۇن كۈچلىرىنىڭ بىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. چۈنكى ساياھەت قىلىش يېڭى جايلارنى كۆرۈشلا ئەمەس، بارغان جايىڭىزدا ئۆزىڭىزنى «يات» ھېس قىلماسلىقتۇر.
ئۇنداقتا، بۇ ئۆزئارا چۈشىنىشچانلىق ئەمەلىيەتتە قانداق ئىشلەيدۇ؟ تۈركىيەدىن بارغان بىر تۈرك بىلەن قازاقىستانلىق كىشى دەسلەپتە فونېتىكىلىق پەرق سەۋەبىدىن سەل توختاپ قېلىشى مۇمكىن. «يول» دېگەن سۆز قازاقچىدا «جول» بولىدۇ، «كۆز» دېگەن سۆز «گۆز»گە ئۆزگىرىدۇ. بىراق بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئاۋازلارنىڭ ماسلىشىشىنى چۈشىنىپ، قۇلاق تەلەپپۇز پەردىسىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەقىل مىڭ يىللىق ئورتاق كودنى يېشىش قورالىدەك ئىشلىشكە باشلايدۇ.
بۇ تىل يېقىنلىقى ساياھەت چۈشەنچىمىزنى تۈپتىن ئۆزگەرتىدىغان ئاچقۇچتۇر. ئەنئەنىۋى ساياھەتتە ئەڭ چوڭ توسالغۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلىسىلەر: تىل توسۇقى. ئىنگلىزچە ياكى باشقا بىر ئورتاق تىلنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولىسىلەر. ھالبۇكى، تۈرك دۇنياسى ئىچىدە قىلىنغان ساياھەتلەردە بۇ توساقنىڭ خىشلىرى خېلىلا نېپىز. چېدىر، كارۋانساراي، يايلاق، مېھمان، ئاش... بۇ سۆزلەر لۇغەتلىرىمىزدىلا ئەمەس، ئورتاق ياشاش مەدەنىيىتىمىزدە ھەم ئوخشاش مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەنقەرە دېگەندە كۆز ئالدىمىزغا پەقەت كۈلرەڭ ئىشخانا بىنالىرى ۋە ھۆكۈمەت ئىمارەتلىرىلا كەلمىسۇن. ئەنقەرە تارىخىي ئاخلاتلىبەلى، گوردىيۇنى، ھىتتلاردىن سەلجۇقىيلارغىچە سوزۇلغان تارىخىي قاتلاملىرى بىلەن، ئەڭ مۇھىمى، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيان تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت يۈرىكى سوقۇپ كېلىۋاتقان مەركەز بولغانلىقى بىلەنمۇ مۇھىم شەھەر ھېسابلىنىدۇ.
ئۆكتەبىردە ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈرك دۇنياسى ساياھەت پايتەختى» پائالىيەتلىرى دەل بىز تىلغا ئالغان تىل ۋە مەدەنىيەت كۆۋرۈكىنىڭ گەۋدىلىك سەھنىسى بولىدۇ. تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر، تەتقىقاتچىلار، سەنئەتچىلەر ۋە مەدەنىيەت ئەلچىلىرى ئەنقەرەدە جەم بولىدۇ.
ئۇنداقتا، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ تىل بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ ئىنتايىن كۈچلۈك مۇناسىۋىتى بار! چۈنكى ئەنقەرە بۇ ئۇنۋانغا ئېرىشىش بىلەن، پەقەت مېھمانسارايلىرى ۋە مۇزېيلىرى بىلەنلا ئەمەس، تۈرك دۇنياسىدىن كەلگەن مېھمانلارغا «بۇ يەردە سىز يات ئەمەس» دەپ ئېيتالايدىغان بىر مۇھىتنى شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ. ئورتاق ئاتالغۇلار بىلەن تەييارلانغان ساياھەت لىنىيەلىرى، تۈركىي تىللارنىڭ موللىقىنى نامايان قىلىدىغان مەدەنىيەت بايراملىرى، ئورتاق تائاملار ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك يەرمەنكىلىرى... ئەنقەرە بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق تۈرك دۇنياسىنىڭ تىل جەھەتتىكى قېرىنداشلىقىنى ساياھەت تەجرىبىسىگە، «قېرىنداشلىق ساياھىتى» ئەندىزىسىگە ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ. ساياھەت پايتەختى بولۇش پەقەت ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشلا ئەمەس؛ ئوخشاش جۇغراپىيەنىڭ پەرزەنتلىرىنى بىر داستىخانغا جەم قىلىپ، بىر تىلدا سۆزلەشتۈرەلەشتۇر.
تۈرك دۇنياسىنىڭ تىللىرى مىڭ يىللىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ بۈگۈنگە يېتىپ كەلگەن غايەت زور بايلىقنىڭ گۇۋاھچىسىدۇر. ئارىلىقتىكى جۇغراپىيەلىك يىراقلىق ۋە تارىخىي ئايرىلىشلار پەرق پەيدا قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ماھىيەتتىكى چوڭقۇر تىل قېرىنداشلىقى كۈنسېرى كۈچىيىپ، قايتىدىن بايقالماقتا. ئۆتمۈشتىكى ئورتاق يىلتىزلاردىن ئوزۇق ئالغان بۇ كۈچلۈك ئۆزئارا تەسىر كەلگۈسىدە تۈرك دۇنياسىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تېخىمۇ كۈچلۈك، ئورتاق ۋە ماسلاشقان ئاۋاز بىلەن سۆزلىشىشىنىڭ ئەڭ چوڭ كاپالىتىدۇر.
تىللىرىمىز قانچە باي بولسا، ساياھەتلىرىمىز شۇنچە چوڭقۇرلىشىدۇ. سۆزلىرىمىز قانچە ئورتاق بولسا، كەلگۈسىمىز شۇنچە يېقىنلىشىدۇ.
ئوخشاش يىلتىزلاردىن ئوزۇق ئالغان، ئورتاق تارىخ ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئىزلىرىنى ساقلىغان تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇچرىشىشى ئۆكتەبىردە ئەنقەرەدە باشلاندى. بۇ بىزگە يەنە بىر قېتىم شۇنى ئەسلىتىپ قويدى: بىز يىراقتىكى تۇغقانلار ئەمەس، ئوخشاش كارۋاننىڭ يولچىلىرىمىز.
كونسېرتلاردىن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغىچە، ئەنئەنىۋى ھۈنەرۋەنچىلىك سېخلىرىدىن ئۇسسۇل نومۇرلىرىغىچە بولغان رەڭگارەڭ پائالىيەتلەردە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىراسى، مول مەدەنىيىتى ۋە ئورتاق قىممەتلىرى ئەنقەرەدە جانلىنىۋاتىدۇ.
تۈرك دۇنياسى ساياھەت پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پائالىيەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ankaraturizmbaskenti2026.com تور بېتىنى زىيارەت قىلسىڭىز بولىدۇ.






















