خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: «ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن» دېدى.
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن / Reuters

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ باياناتچىسى ھۈسەيىن مۇھىبى كۈچىيىۋاتقان ئامېرىكا ئېمبارگو تەدبىرلىرى ۋە ھەربىي بېسىملارغا قارىماي ئىراننىڭ تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ تىھرانغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە دېڭىز قورشاۋىنىڭ ۋاشىنگتونغا، ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ھەسسەلەپ قىممەتكە چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېنېرال ھۈسەيىن مۇھىبى ئىراننىڭ «مەھر» خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا: «ئامېرىكا ئىرانغا بىر دوللارلىق ئىقتىسادىي زىيان يەتكۈزۈشنى خالايدىكەن، ئۆزى بىر نەچچە دوللارلىق چىقىم ۋە زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، ئىراننىڭ ئېمبارگو تەدبىرلىرى ۋە بېسىملار ئالدىدا تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇھىبى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ھەربىي كۈچى، دېڭىز ئارمىيە ئەترىتى ۋە ئاۋىياماتكىلىرىغا تايىنىپ ئىراننى چېكىنىشكە مەجبۇر قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بىراق مۇھىبى يېقىنقى ۋەقەلەرنىڭ بۇ ھېسابلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى سۆزىگە قوشۇمچە قىلدى.

نۆۋەتتە ئېغىر قەرز يۈكى ۋە خىتاي بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي رىقابىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ۋە ئۆزى «ئىقتىسادىي ئۇرۇش» دەپ ئاتىغان بۇ كۈرەشتە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشتە قىينىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مۇھىبى، رايون خاراكتېرلىك ۋەقەلەرنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ماللىرى ئۈستىدە بېسىم پەيدا قىلغانلىقىنى ۋە رايون ئىچىدىكى ئاليۇمىن ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت قىلىشتىكى ئۈزۈلۈپ قېلىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا بەزى خام ئەشيالارغا ئېرىشىشكە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

باياناتچى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئىقتىسادىي بېسىم ۋە قورشاۋنىڭ غەلىبىنى مۇتلەق كاپالەتكە ئىگە قىلمايدىغانلىقىنى ۋە بۇلارنى ئىجرا قىلغان دۆلەتكە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىتىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە-ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشى

داۋاملىشىۋاتقان بۇ توقۇنۇش ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ فېۋرال ئېييدا ئىرانغا قارىتا ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىشى، ئارقىدىن ئىراننىڭ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە نىشانلىرىغا ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرىنى باشلىشى ۋە ھۈرمۈز بوغىزىدىكى دېڭىز قاتنىشىغا مۇناسىۋەتلىك جىددىيچىلىكنىڭ كۈچىيىشى بىلەن باشلاندى.

ۋاشىنگتون ھەربىي ھەرىكەتلىرىدىن باشقا يەنە ئىراننىڭ نېفىت، دېڭىزچىلىق، ئاۋىئاتسىيە، تېخنىكا ۋە مالىيە ساھەلىرىنى نىشان قىلغان ئېمبارگو تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق تىھران ئۈستىدىكى ئىقتىسادىي بېسىمنىمۇ كۈچەيتتى.

ئىرانلىق ئەمەلدارلار ئېمبارگو تەدبىرلىرى ۋە دېڭىز سودىسىغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنى ئىقتىسادىي ئۇرۇش ۋە قورشاۋ دەپ باھالىدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى