سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
پەلەستىنلىك ژۇرنالىست ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىدا كۆيۈپ قازا قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى غەززەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خان يۇنۇس شەھىرىدىكى ناسىر دوختۇرخانىسى قاراتقان ھۇجۇمى نەتىجىسىدە، بىر پەلەستىنلىك ژۇرنالىست تىرىك چېغىدا ئوتنىڭ ئىچىدە قېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.
پەلەستىنلىك ژۇرنالىست ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىدا كۆيۈپ قازا قىلدى
Mansour seen consumed by fire as Palestinians try to put it out. / Photo: X

ئىسرائىلىيەنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى غەززەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خان يۇنۇس شەھىرىدىكى ناسىر دوختۇرخانىسى قاراتقان ھۇجۇمى نەتىجىسىدە، بىر پەلەستىنلىك ژۇرنالىست تىرىك چېغىدا ئوتنىڭ ئىچىدە قېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ ھۇجۇمدا قازا قىلغان ژۇرنالىستنىڭ، ئىسرائىلىيە بومباردىمانىدا ئوت ئىچىدە قالغان «پەلەستىن بۈگۈن» (Palestine Today) قانىلىنىڭ مۇخبىرى ئەھمەد مەنسۇر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتىنىڭ دوختۇرخانا يېنىدىكى ژۇرنالىستلار چېدىرىغا قاراتقان ھۇجۇمى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدە، ژۇرنالىست ئەھمەد مەنسۇرنىڭ ئوت ئىچىدە قېلىپ، شىددەتلىك كۆيۈكلەردىن كېيىن ۋاپات بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى. يەكشەنبە كۈنى ئىنتېرنېتتا تارقالغان قورقۇنچلۇق سىن كۆرۈنۈشلىرىدە، ژۇرنالىستنىڭ ئوت ئىچىدە قالغانلىقى ۋە پەلەستىنلىكلەر بىلەن قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ئوتنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. دوكلاتلارغا قارىغاندا، قازا قىلغان بۇ ژۇرنالىست «پەلەستىن بۈگۈن» قانىلى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەھمەد مەنسۇر بولۇپ، بىر ئوغۇل بار ئىكەن.

پەلەستىنلىك ژۇرنالىست ۋائىل ئەبۇ ئۆمەر ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى X تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «ئىسرائىلىيە بومبىلىرى كەسىپدېشىم ئەھمەد مەنسۇرنى كۆيدۈردى، ئۇ ھازىر مەركەزلىك داۋالاش بۆلۈمىدە. ژۇرنالسىتلار ناسىر دوختۇرخانىسى يېنىدىكى چېدىرىدا ئولتۇرۇۋاتقان چېغىدا قىلىنغان ھۇجۇمدا بەدىنى ئېغىر كۆيۈپ كەتكەچكە قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ» دېدى.

غەززەدىكى فوتو سۈرەت مۇخبىرى ماھمۇد بەسسام بولسا، ئەھمەد مەنسۇرنىڭ ئېغىر كۆيۈكلەردىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن «بىر مۆجىزىگە موھتاج» ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. بۇ ھۇجۇمدا يەنە ئىككى ژۇرنالىستنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە بىر قىسىم ژۇرنالىستلارنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ژۇرنالىستلارغا قارشى ئۇرۇش

ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ رەھىمسىز ھۇجۇمى، مۇھاسىرە ئاستىدىكى بۇ رايوندا خەلق قىرغىنچىلىقىنى خەۋەرلەشتۈرۈۋاتقان ژۇرنالىستلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ ئەڭ يېڭى ھالقىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىدا، ئىسرائىلىيە «ئەلجەزىرە» مۇخبىرى ھۇسسام شابات ۋە «پەلەستىن بۈگۈن» مۇخبىرى  مۇھەممەد مەنسۇرنى ئۆلتۈرگەن ئىدى. غەززەدىكى خەلق قىرغىنچىلىقى باشلانغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە چەت ئەل ژۇرنالىستلىرىنىڭ بۇ رايونغا كىرىشىنى چەكلەش بىلەن بىرگە، قىرغىنچىلىقنى خەۋەرلەشتۈرۈۋاتقان پەلەستىنلىك ژۇرنالىستلارنى نىشان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئۆتكەن يىلى، شابات بۇ مەسىلىنىڭ چەت ئەل ژۇرنالىستلىرىنىڭ رايونغا كىرىش ئېھتىماللىقىنىڭ كەمچىللىكىدە ئەمەس، بەلكى خەلق قىرغىنچىلىقىنى خەۋەرلەشتۈرۈش جەريانىدا ھاياتىنى خەتەرگە تىكىۋاتقان پەلەستىنلىك ژۇرنالىستلارغا بولغان ھۆرمەتنىڭ يېتىشمەسلىكىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. يېقىنقى قەتلىئاملار بىلەن بىرلىكتە، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ژۇرنالىستلارنىڭ سانى 210 دىن ئېشىپ كەتتى.

مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىدا، ژۇرنالىستلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى دەپ قارىلىش-قارىلماسلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا، ئامېرىكا بىۋاسىتە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ۋاشىنگتوننىڭ ھەمىشە ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى خەلقئارا قانۇننىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشىدۇر
ئاراقچى: «بىخەتەر بولۇشنى خالىساڭلار، رايونىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار!»
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئەزەربەيجان س ن ن خەۋىرىنى رەت قىلدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇردى
ترامپ: كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان تەقدىردە، ئىراننىڭ يېڭى رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈشتىن «شەرەپ ھېس قىلىمەن»
زېلېنسكىي پۇتىننى تۈركىيە قاتارلىق بىتەرەپ بىر دۆلەتتە بىۋاسىتە كۆرۈشۈشكە چاقىردى
«رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك بېسىۋېلىش ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان 707 ئۇكرائىنالىق بالىنى ئۆلتۈردى»
ترامپ: ئىران بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا ھاسىل قىلىنىشى مۇمكىن
FIFA سۇ شىشىلىرىنى مەنئى قىلدى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي لىۋانغا ئىچكىرىلەپ كىرمەكتە
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
ئۇكرائىنانىڭ دونېتسىكتا بىر ئاپتوبۇسقا قىلغان ھۇجۇمىدا يەتتە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكانىڭ شەرقىي تىنچ ئوكياندا زەھەرلىك چېكىملىك كېمىسىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 3 ئادەم ئۆلدى
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى