خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ھىندىستاندا سوت مەھكىمىسى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتە ياغلىق ئارتىپ كىرىش تەلىپىنى رەت قىلدى
سوت مەھكىمىسى مائارىپ ئاپپاراتلىرى بېكىتكەن كىيىم-كېچەك قائىدىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي تاللىشىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىلمەيدىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقاردى.
ھىندىستاندا سوت مەھكىمىسى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتە ياغلىق ئارتىپ كىرىش تەلىپىنى رەت قىلدى
ھىندىستاندا سوت مەھكىمىسى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتە ياغلىق ئارتىپ كىرىش تەلىپىنى رەت قىلدى

ھىندىستاندا سوت مەھكىمىسى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتە ياغلىق ئارتىشىغا رۇخسەت سوراپ سۇنغان ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمىدى.

NDTV قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاندىكى ئاللاھئاباد يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، ئۇتتار پرادېش ئىشتاتىدىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپ فورمىسىنىڭ سىرتىدا ياغلىق ئارتىشىغا رۇخسەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ سۇنغان ئىلتىماسىغا ئالاقىدار قارارىنى ئېلان قىلدى.

مائارىپ ئاپپاراتلىرى بېكىتكەن كىيىم-كېچەك قائىدىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي تاللىشىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىلمەيدىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان سوت مەھكىمىسى، ئوقۇغۇچىنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلدى.

ياغلىق ئارتىشنىڭ ئىسلامنىڭ «تۈپ دىنىي ئەمەللىرى» نىڭ بىرى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قاراشلارنىمۇ رەت قىلغان سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «يۇقىرى سوت مەھكىمىلىرى بىر ئايالنىڭ ياغلىق ئارتىشىنىڭ ئىسلام ئېتىقادىنىڭ تۈپ ئامىلى ئەمەسلىكى ۋە ياغلىق ئارتمىغان تەقدىردە كىشىنىڭ ئېتىقادىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىمايدىغانلىقى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىگە ئىگە» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇتتار پرادېش ئىشتاتىنىڭ پراياگراج شەھىرىدىكى بىر خۇسۇسىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى، ئانىسى ئارقىلىق ئاللاھئاباد يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، مەكتەپ فورمىسى بىلەن بىرگە ياغلىق ئارتىشىغا رۇخسەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى