خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
جەنۇبىي ئافرىقادىكى بىر قاۋاقخانىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قوراللىق ھۇجۇم پرېتورىيەنىڭ غەربىدىكى ساۋۇلۋىل (Saulsville) رايونىدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئىجازەتنامىسىز بىر قاۋاقخانىدا يۈز بەردى.
جەنۇبىي ئافرىقادىكى بىر قاۋاقخانىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بىر قاۋاقخانىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى / AP

جەنۇبىي ئافرىقا ساقچىلىرى شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، جەنۇبىي ئافرىقا مەمۇرىي پايتەختى پرېتورىيەگە يېقىن بىر قاۋاقخانىدا يۈز بەرگەن كوللېكتىپ قوراللىق ھۇجۇمدا ئۈچ بالىنى قوشقاندا كەم دېگەندە 11 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى.

جەنۇبىي ئافرىقا ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئوق چىقىرىش نەتىجىسىدە يارىلانغان 14 كىشى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. ساقچىلار، يارىلانغانلارنىڭ يېشى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىگەن.

قوراللىق ھۇجۇم شەنبە كۈنى سەھەردە پرېتورىيەنىڭ غەربىدىكى ساۋۇلۋىل بازىرىدا ئىجازەتنامىسىز شەكىلدە تىجارەت قىلىۋاتقان بىر قاۋاقخانىدا يۈز بەرگەن.

ئۆلگەن بالىلار ئارىسىدا 3 ياشلىق ۋە 12 ياشلىق ئىككى ئوغۇل بالا ۋە 16 ياشلىق بىر قىز بالا بار ئىدى. ساقچىلار ئۈچ گۇماندارنى ئىزدەپ تۇتۇش داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

جەنۇبىي ئافرىقا، دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى جىنايەت نىسبىتىگە ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرى. دۆلەتتە 2024-يىلى 26 مىڭدىن ئارتۇق جىنايەت سادىر قىلىندى، بۇ كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 70 تىن ئارتۇق جىنايەت دېگەنلىكتۇر.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Shootings at taverns leave over a dozen dead in South Africa
ئىزدىنىڭ
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى