سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى
ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تۈردىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك بىر نەتىجىسى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكىي ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ «كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپالىق ۋەكىللەرنى كېيىنكى نۆۋەتلىك سۆھبەتكە قاتنىشىشقا چاقىردى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي، رۇسىيەنىڭ 2 دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بۈگۈنگىچە بولغان ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنى داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ «كۆرۈنەرلىك بىر نەتىجىسى» دەپ ئاتىدى.

پەيشەنبە كۈنى دۇبلىندا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ستىۋ ۋىتكوف ۋە كۈيئوغلى جارېد كۇشنېر بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن زېلېنسكىي، رۇسىيە تەرەپنىڭ مەزكۇر ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بۇ ئۇرۇش ئەسىرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئالماشتۇرۇش بولىدۇ... بۇ كۆرۈنەرلىك بىر نەتىجىدۇر، بۇ ناھايىتى مۇھىم» دېدى.

ئەبۇ زەبىدىكى سۆھبەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەر توغرىسىدا توختالغان زېلېنسكىي، ئەڭ ئاخىرقى ئۇچرىشىشنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىگە قارىتا «ئۈمىد» پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا ياۋروپالىقلارنىڭ قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلدى، رۇسىيە بولسا رەت قىلدى

زېلېنسكىي يەنە ياۋروپالىق ۋەكىللەرنىڭ كېيىنكى سۆھبەت باسقۇچىغا ئايرىم بىر تەرەپ سۈپىتىدە ئەمەس، سۆھبەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئۇلارنىڭ سۆز ھوقۇقى بولىدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم؛ چۈنكى ئۇرۇش ياۋروپادا يۈز بېرىۋاتىدۇ ۋە بىز كەلگۈسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولىمىز. شۇڭا بۇ ناھايىتى مۇھىم. شۇنداقلا گۈللىنىش ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى جەھەتتىنمۇ ياۋروپانىڭ قاتنىشىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

كىرېمىل سارىيى پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ كەلگۈسى سۆھبەتلەرگە ياۋروپانىڭ قاتنىشىشىنى قوبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدىكى داۋالارنى دەلىللىمىدى.

ئۇنىڭ ئورنىغا رۇسىيە رەھبىرى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا تەرەپكە قىلغان سۆزىدە، رۇسىيەنىڭ ئۆزىگە قوشۇۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئۇكرائىنا زېمىنلىرى ئۈستىدىكى تەلەپلىرىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۇنداقلا رۇسىيە ئۇكرائىنادا چەت ئەل تىنچلىقنى ساقلاش قىسمى ئەسكەرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقىنى رەت قىلىپ، بۇنداق بىر قەدەمنىڭ «ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
پاكىستاندا ساقچى ئەترىتىگە قوراللىق پىستىرما ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسېتكە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى
قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىيات بانكىسى تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە تۈرلىرىگە 6 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
ئەنگلىيەلىكلەر: ئىسىرائىلىيە دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن ئېغىر تەھدىت
ئەبۇزەبى سۆھبىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى باشلاندى
تۈركىيە قىبرىس سۆھبەتلىرىدىكى ئىلگىرىلەشنى قارشى ئالدى
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسىدىكى ئۆزگىرىشنى قارشى ئالدى
غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەلىك بىر ئەسكەر ئامېرىكادا سوتقا ئەرز قىلىندى
ھېرزوگ پارلامېنت ئەزالىرىنى يېڭى بىر سايلامدىن ساقلىنىشقا چاقىردى
تىرامپ بىلەن نېتانياھۇ ئىرانغا قىلىنىدىغان يېڭى ھۇجۇملار ھەققىدە تىركىشىپ قالدى
بىرلەشمە ئەرەب تىزىملىكى: «نېتانياھۇ تەلۋىلەرچە ھالەتتە، سۆزلىرى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق»
پورتۇگالىيەدىن ناتو باش كاتىپى رۇتتېنىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى
Nvidia باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنى تەقىب قىلغان ئايال تەيۋەنگە خوڭكوڭ پاسپورتى بىلەن كىرگەن
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى: ئامېرىكا بىلەن خىتاي سۈنئىي ئەقىل خەۋپ-خەتەرلىرى بويىچە ھەمكارلىشىدۇ
جەنۇبىي كورېيە ۋە ئۇكرائىنا ئەسىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدىن كېيىنكى مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى