خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
غەززەدىكى بىر ئۆينىڭ خارابىلىكىدىن بىر ئائىلىنىڭ 30 ئەزاسىنىڭ جەسىتى چىقىرىلدى
غەززە پۇقرالارنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە 2023-يىلى دېكابىردا سالىم ئائىلىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئائىلىدىكى 30 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.
غەززەدىكى بىر ئۆينىڭ خارابىلىكىدىن بىر ئائىلىنىڭ 30 ئەزاسىنىڭ جەسىتى چىقىرىلدى
غەززە پۇقرا مۇداپىئەسى غەززە شەھىرىدە بىر ئائىلىدىن 30 كىشىنىڭ جەسىتىنى قۇتقۇزۇۋالدى. / AA

غەززە پۇقرالارنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسەن، پۇقرالارنى قوغداش ئەترەتلىرى غەززە شەھىرىنىڭ غەربىدىكى ئۆي خارابىسى ئاستىدىن بىر ئائىلىگە مەنسۇپ 30 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتىنى چىقاردى.

باياناتتا، ئۆلگەنلەرنىڭ سالىم ئائىلىسىگە تەۋە ئىكەنلىكى ۋە 2023-يىلى 19-دېكابىر ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە شەھىرىنىڭ ئەررىمال مەھەللىسىدىكى ئۆيلىرىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پۇقرالارنى قوغداش ئىدارىسى بۇ ھۇجۇمدا ئائىلىنىڭ تەخمىنەن 60 ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

يىقىلغان بۇ ئۆي، پۇقرالارنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ غەززە مىقياسىدىكى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان ئىمارەتلەرنىڭ خارابىسى ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان دەپ قارىلىۋاتقان مىڭلارچە پەلەستىنلىكنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنىڭ تۇنجى نۇقتىسىدا ئىدى.

پۇقرالارنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاز ساندىكى ئۈسكۈنىلەر بىلەن، جۈملىدىن بىر تىراكتور (ئېكىسكاۋاتور) ئارقىلىق، خارابىلىقتىن جەسەتلەرنى چىقىرىش خىزمەتلىرى داۋام قىلىدىكەن.

پەلەستىن دائىرىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززەنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىشغال قىلغان بولۇپ، ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي، رايوننىڭ باشقا جايلىرىدىكى ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتىكەن.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ