ترامپ تېھرانغا بولغان بېسىمىنى كۈچەيتىۋاتقان بىر پەيتتە، پۇتىن ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خەۋپسىزلىك ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشتى
كرېمىل سارىيىنىڭ جۈمە (30-يانۋار) كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تېھراننى ئۆزىنىڭ يادرو پىلانى توغرىسىدا كېلىشىم تۈزۈشكە مەجبۇرلاۋاتقان بىر پەيتتە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن موسكۋادا ئىراننىڭ ئەڭ يۇقىرى خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشكەن.
موسكۋادىكى ئىران ئەلچىخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۇتىن بىلەن لارىجانى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ئىقتىسادىي ئالاقە ۋە «مۇھىم رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر» گە مەركەزلەشكەن.
كرېمىل سارىيى تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتتا: «پىرېزىدېنت پۇتىن كرېمىل سارىيىدا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئالىي مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى ئەلى لارىجانىنى قوبۇل قىلدى» دېيىلدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ جۈمە كۈنى ئەتىگەندە رۇسىيەنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان ئىراننىڭ ھەربىي ھەرىكەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ يادرو پىلانى توغرىسىدا كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
ئۇ يەنە نامايىشچىلارنى باستۇرغان ئىرانغا زەربە بېرىش تەھدىتىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.
ئىراننىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا جۈمە كۈنىدىكى پۇتىن بىلەن لارىجانى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقە ھەمدە «مۇھىم رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر» گە مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئەمما تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىدى.
رۇسىيە دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى (RIA Novosti) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ زىيارەت ئالدىن ئېلان قىلىنمىغان.
موسكۋا ۋاشىنگتون بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچى بولۇشنى تەكلىپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئۇكرائىنا ئۇرۇشى جەريانىدا ئىران رۇسىيەنىڭ ئاساسلىق ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولسا، رۇسىيە تېھراننى مۇھىم خەلقئارالىق قوللاش بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە.