خىتاي ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي تەيۋەن مەسىلىسى توغرىسىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى / TRT Uyghur

خىتاي  ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىختىلاپ ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان تەيۋەنگە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 866 مىليون دوللارلىق قوشۇمچە ھەربىي ئۈسكۈنە ۋە قورال - ياراغ سېتىپ بېرىشىنى ماقۇللىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋۇ چيەن تەيۋەنگە قورال - ياراغ سېتىپ بېرىشنىڭ «بىر خىتاي» پىرىنسىپى ۋە خىتاي-ئامېرىكا سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان «ئۈچ ئورتاق باياننامە» گە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە «بۆسۈپ ئۆتكىلى بولمايدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك قىزىل سىزىق» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، ھەمدە ئامېرىكانىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىماسلىق ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ۋە «تەيۋەننى ئۇرۇش خەۋپىگە ئىتتىرگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا تەرەپنى تەيۋەنگە ھەربىي ياردەم قىلىش ۋە قورال - ياراغ سېتىپ بېرىشنى دەرھال توختىتىشقا ھەمدە رايون بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشكە چاقىرىمىز.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 21-دېكابىر كۈنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي ئۈسكۈنە، ھەربىي مۇلازىمەت ۋە ھەربىي  تەلىم - تەربىيە ئۈچۈن 571 مىليون دوللارلىق مەبلەغ ئاجرىتىش پىلانىنى تەستىقلىغانىدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 20-دېكابىردا يەنە تەيۋەنگە 300 تاكتىكىلىق رادىيو سىستېمىسى ۋە 16 قورال - ياراغنى 295 مىليون دوللارغا سېتىش پىلانىنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بېيجىڭ خىتاينىڭ زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغان تەيۋەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1949-يىلدىن بۇيان ئەمەلىي مۇستەقىللىققا ئىگە. خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بۆلۈنۈش ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا.

بېيجىڭ «بىر خىتاي» پىرىنسىپىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن بىلەن رەسمىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ۋە تەيۋەنگە قورال - ياراغ سېتىشىغا قارشى چىقماقتا.