خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز بارسېلونا كوچىلىرىدا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلگەن ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى.
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
بارسېلونانىڭ يۇلتۇز توپچىسى يامال غەلىبە تەنتەنىسى جەريانىدا پەلەستىن بايرىقى بىلەن قىلغان ھەرىكىتى ئارقىلىق ئالقىشقا ئېرىشتى. / AP

ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى جەريانىدا بارسېلونا كوچىلىرىدا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلگەن ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى.

سانچېز ئامېرىكانىڭ X شىركىتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى.

ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز: «بىر دۆلەتنىڭ بايرىقىنى لەپىلدىتىشكە ‹نەپرەتنى ئۇلغايتىش› دەپ قارايدىغانلار يا ئەقلىدىن ئاداشقان ياكى نومۇس تۇيغۇسى كور بولۇپ قالغانلاردۇر. لامىن مىليونلىغان ئىسپانىيەلىك ھېس قىلىۋاتقان پەلەستىن بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقنى ئىپادىلىدى. بۇ، ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىشىمىز ئۈچۈن يەنە بىر سەۋەبتۇر» دەپ يازدى.

بارسېلونانىڭ بىرلەشمە چېمپىيونلۇقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 11-ماي بارسېلونا كوچىلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە يامال كۇلۇب ئاپتوبۇسىنىڭ ئۈستىدە پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ھالدا قاتناشقانىدى.

بۇنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزمۇ X تىكى ھېسابىدا: «لامىن يامال ئەسكەرلىرىمىز 7-ئۆكتەبىردە يەھۇدىي بالىلىرىنى، ئاياللىرىنى ۋە ياشانغانلىرىنى قىرغىن قىلغان، باسقۇنچىلىق قىلغان، كۆيدۈرگەن ۋە ئۆلتۈرگەن ھاماس تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا، ئىسرائىلىيەگە قارشى نەپرەت قوزغاشنى تاللىدى» دەپ يازغان ۋە ئارقىدىنلا «بۇ خىلدىكى بىر ئۇچۇرنى قوللىغان ھەر قانداق ئادەم ئۆزىدىن: ‹بۇنى ئىنسانىي بىر قىلمىش دەپ ئويلامدۇ؟ بۇ ئەخلاققا مۇۋاپىقمۇ؟› دەپ سورىشى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەنىدى.

ئىسپانىيە دۆلەتلىك كوماندىسىنىڭ ۋە بارسېلونانىڭ ياش چولپىنى يامالنىڭ پەلەستىننى قوللايدىغان بۇ ھەرىكىتى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن قۇترىتىلغان بەزى قاتلاملار تەرىپىدىن تالاش-تارتىش تېمىسى قىلىنغان ئىدى.

باش مىنىستىر سانچېز 12-ماي باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ مونكلۇئادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «يامالنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىدە پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدىتىشىگە قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئىسپانىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئەسلەتكەن ھالدا: «ئىسرائىلىيەنىڭ قانداق بولسا، پەلەستىننىڭمۇ شۇنداق مەۋجۇت بولۇش ھوقۇقى بار» دېگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى
بەشىكتاش كوماندىسى ياۋروپادا كۈچلۈكلۈكىنى نامايان قىلدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى