سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ۋاڭ يى خىتاي بىلەن ياۋروپانى قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا چاقىردى
خىتاي بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا يەر شارى سودا جىددىيلىكى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن پورتۇگالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېيجىڭدا كۆرۈشۈپ، ياۋروپا بىلەن خىتاينىڭ تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
00:00
ۋاڭ يى خىتاي بىلەن ياۋروپانى قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا چاقىردى
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى / Reuters

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى پورتۇگالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پاۋلو رانگېل (Paulo Rangel) بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاينىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ۋاڭ مۇنداق دېگەن:

«خىتاي ياۋروپانى كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيادىكى مۇھىم قۇتۇپ دەپ قارايدۇ ۋە ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاپتونومىيەسىنى ساقلاپ قېلىشىنى قوللايدۇ.»

پورتۇگالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پاۋلو رانگېلنىڭ خىتاي زىيارىتى ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندە، بىر يۇقىرى دەرىجىلىك پورتۇگالىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ تۇنجى خىتاي زىيارىتى بولۇپ قالدى. بۇ زىيارەت ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئەندىشەلەر كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاتلانتىك ئوكيان مۇناسىۋەتلىرى ۋە يەر شارى سودىسىنى ئاستۈن-ئۈستۈن قىلىش بىلەن تەھدىت سېلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بېيجىڭ ۋە ياۋروپا پايتەختىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىر-بىرىگە قايتىدىن ئىللىق نەزەر سېلىشقا باشلىدى.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئىتالىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلان قىلماقتا.

ئامېرىكا پورتۇگالىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن باشقا ئاساسلىق ئېكسپورت بازىرى ھېسابلىنىدۇ.

پورتۇگالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىغا سادىق قالغان غەربىي ياۋروپا دۆلىتىدۇر.

پورتۇگالىيە ئۆتكەن يىلى (2024) ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىدىن  تاموژنا بېجى ئېلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن بېلەت تاشلاشتا بىتەرەپ قالغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى