خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى (IEA)، 2026-يىلى ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى تەمىناتى ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلىنىدىغان مەبلەغ سالغۇچىلىقنىڭ تەخمىنەن 1.6 تىرىليون دوللارغا يېتىشى كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە توك تورى سىستېمىلىرىغا تەخمىنەن 550 مىليارد دوللار، باتارېيە ساقلاش مەبلىغىنىڭ بولسا 100 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىشى مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشنىڭ، دۆلەتلەرنى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە كرىزىسىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن يېڭى تەمىنات لىنىيەلىرىنى ئېچىشقا ۋە يەرلىك مەنبەلەرگە يۈزلىنىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى ئىجرايىيە مۇدىرى فاتىھ بىرول: «دۇنيانىڭ بۈگۈنگىچە دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى كرىزىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋاتىمىز ۋە مېنىڭچە بۇ ئەھۋال، 1970-يىللاردىكى نېفىت كىرىزىسىدىن كېيىن ئېنېرگىيە دۇنياسىدا كۆرۈلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە ئوخشاش، يەر شارى خاراكتېرلىك مەبلەغ سېلىش ئىستراتېگىيەلىرىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرىدۇ» دېدى.
بىرول، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ (OECD) ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «دۇنيا ئېنېرگىيە مەبلىغى» دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: «ھەم ئىشلەپچىقارغۇچى ھەم ئىستېمالچى دۆلەتلەرنىڭ سودا لىنىيەلىرى ۋە ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى ھازىردىنلا كۆرۈۋاتىمىز. بىر تەرەپتىن يېڭى تۇرۇبا لىنىيەلىرى ۋە باشقا تەمىنات ئۇل ئەسلىھەلىرى تەرەققىي قىلدۇرۇلسا، يەنە بىر تەرەپتىن يەرلىكتىكى بار بولغان مەنبەلەرگە تېخىمۇ كۆپ يۈزلىنىش بولۇۋاتىدۇ»
خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى، يەر شارى ئېنېرگىيە مەبلەغلىرىنىڭ 2026-يىلى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى ئۆرلەپ 3.4 تىرىليون دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا. بۇنىڭ تەخمىنەن 2.2 تىرىليون دوللىرىنىڭ ئېلېكتر تورلىرى، ساقلاش، تۆۋەن قويۇپ بېرىشلىك يېقىلغۇلار، يادرو ئېنېرگىيەسى، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە، ئېنېرگىيە ئۈنۈمدارلىقى ۋە ئېلېكترلەشتۈرۈشكە ئاجرىتىلىشى كۈتۈلمەكتە.
بۇنىڭغا قوشۇمچە نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈرگە تەخمىنەن 1.2 تىرىليون دوللارلىق مەبلەغ سېلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
شۇنداق بولسىمۇ نېفىت مەبلەغلىرىنىڭ 2026-يىلى ئارقىمۇ ئارقىدن ئۈچىنچى يىلى ئارقىغا چېكىنىشى ۋە ئېشىۋاتقان خام نېفىت باھاسىغا قارىماي 500 مىليارد دوللارنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ كېتىشى كۈتۈلمەكتە.
بۇ تۆۋەنلەشتە، يۇقىرى باھالارنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئالاقىدار ئېنىقسىزلىقلار، تۈرلەرنىڭ ئىشقا كىرىشىش مۇددەتلىرى، تەمىنات چەكلىمىلىرى ۋە دېڭىز بۇرغىلاش سۇپىلىرى بازارلىرىدىكى قىسىلىقلارنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىرتىدىكى قىسقا مۇددەتلىك مەبلەغ پائالىيەتلىرىنى چەكلىشى تەسىر كۆرسەتمەكتە.
بۇنىڭغا قارشى، خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى، تەبىئىي گاز مەبلەغلىرىنىڭ «330 مىليارد دوللارغا يۈكسىلىپ، ئاخىرقى ئون يىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە چىقىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى» ۋە بۇنىڭ ئالاھىدە قىلىپ ئامېرىكا بىلەن قاتاردىكى يېڭى سۇيۇقلۇق ئېكسپورت تۈرلىرى دولقۇنى تەرىپىدىن قوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكلاتتا، ئوخشاش مەزگىلدە نېفىت ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ، باشتا قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە، يادرو ئېنېرگىيەسى ۋە كۆمۈر بولۇپ، ئۆز دۆلەتلىرىدىكى بار بولغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە يۈزلەنگەنلىكى بايان قىلىندى.
خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەبلەغلىرىنىڭ 2026-يىلى تەخمىنەن 665 مىليارد دوللارغا يېتىشىنى، بۇنىڭ 365 مىليارد دوللىرىنىڭ پەقەت قۇياش ئېنېرگىيەسىگىلا ئاجرىتىلىشىنى كۈتمەكتە.
ئاگېنتلىق، يادرو ئېنېرگىيەسى مەبلەغلىرىنىڭ يىللىق 80 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغانلىقىنى، كۆمۈر مەبلەغلىرىنىڭ بولسا ئاخىرقى 10 يىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسى بولغان 180 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
يەر شارى خاراكتېرلىك كۆمۈر تەمىناتى چىقىملىرىنىڭ يەككە ھالدا %70 كە يېقىن قىسمىنى خىتاينىڭ شەكىللەندۈرىدىغانلىقى، بەزى ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭمۇ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە بار بولغان كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنىڭ مەشغۇلات مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.










