سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ پېنتاگوننىڭ نامىنى «ئۇرۇش مىنىستىرلىقى» دەپ ئۆزگەرتىشنى پىلانلىماقتا
بۇ قارارنامە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېتنىڭ «ئۇرۇش مىنىستىرى» دېگەن قوشۇمچە نام بىلەن ئاتىلىشى ۋە پېنتاگوندىكى ۋىۋىسكىلارنىڭ يېڭىلىنىشى قاتارلىق قەدەملەرنىمۇ بىرلىكتە ئېلىپ كېلىدۇ.
ترامپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ پېنتاگوننىڭ نامىنى «ئۇرۇش مىنىستىرلىقى» دەپ ئۆزگەرتىشنى پىلانلىماقتا
ترامپ: ھەممە ئادەم ئۇنىڭ ئۇرۇش مىنىستىرلىقى بولغان دەۋرلىرىدە ئاجايىپ بىر غەلىبە تارىخىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. / Reuters

ئاق ساراي باياناتچىسى كارولىن لېۋىت ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ نامىنى «ئۇرۇش مىنىستىرلىقى» دەپ ئۆزگەرتىشنى مەزمۇن قىلغان بىر ئىجرائىيە بۇيرۇقىنى جۈمە كۈنى ئىمزالايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

تۇنجى بولۇپ «فوكۇس خەۋەرلىرى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ بۇيرۇق، 1947-يىلىدىكى «دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى»نىڭ ھەربىي قۇرۇلمىنى ھازىرقى نامى بويىچە تەشكىللەپ 1949-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن تارىخىي نامنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەزمۇن قىلىدۇ.

بۇيرۇققا ئاساسلانغاندا، «ئۇرۇش مىنىستىرلىقى» ئىككىنچى دەرىجىلىك بىر نام سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېت رەسمىي ھالدا «ئۇرۇش مىنىستىرى» دېگەن قوشۇمچە ئۇنۋانغىمۇ ئىگە بولىدۇ..

بۇ بۇيرۇق يەنە ھېگسېتنىڭ بۇ ئۆزگىرىشنى مەڭگۈلۈك قىلىش ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش ۋە ئىجرائىيە تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاق ساراي ئەمەلدارىنىڭ «فوكۇس خەۋەرلىرى»گە بىلدۈرۈشىچە، بۇ بۇيرۇق ئاممىغا ئۇچۇر بېرىش يىغىن زالىنىڭ «پېنتاگون ئۇرۇش ئەترىتى» دەپ ئاتىلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ،، پېنتاگوندىكى بارلىق ۋىۋىسكىلار ۋە تور بەتلەرنىڭ يېڭىلىنىشىنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ.

ترامپ 25-ئاۋغۇست مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە: «ھەممە ئادەم ئۇنىڭ ئۇرۇش مىنىستىرلىقى بولغان دەۋرلىرىدە ئاجايىپ بىر غەلىبە تارىخىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ» دېگەنىدى.

ھېگسېت بولسا بۇ ھەرىكەتنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئېلىپ، بۇنىڭ تېخىمۇ كەڭ بىر مەدەنىيەت ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «بىز پەقەت مۇداپىئە قىلىپلا قالماي، يەنە ھۇجۇممۇ قىلىمىز» دېدى.

تاجاۋۇزچىلىق پوزىتسىيەسى

ئۇرۇش مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنى يولغا قويۇلغان يىلى، يەنى 1789-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە دۆلەتنىڭ ھەربىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، قۇرۇلتاي سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىكى قورشاۋ ۋە ئىتتىپاقلىققا بېرىلگەن ئەھمىيەتنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ئورگاننى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ئۆزگەرتكەن.

ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ نامنىڭ قايتا ئىشلىتىلىشى بىلەن ھەربىي كۈچنىڭ تەكىتلىنىدىغانلىقىنى ۋە مەقسەتنىڭ ئېنىقلىقىنىڭ قايتىدىن ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئەمما تەنقىدچىلەر بۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىق پوزىتسىيەسىگە قاراپ بۇرۇلۇش بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكانىڭ دىپلوماتىك ئۇچۇرلىرىغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرماقتا.

ترامپ دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ نام ئۆزگەرتىشنى رەسمىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا، قانۇن-تۈزۈملەرنى قوللىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇنى قىلىمىز. ئىشىنىمەنكى، ئېھتىياجىمىز بولسا دۆلەت مەجلىسىمۇ بىزگە قوشۇلىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
پۇتىن: رۇسىيەگە بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىنسا بارلىق قوراللار ئىشلىتىلىدۇ
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال ۋە ئادمىراللار سانىنى %20 ئازايتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى
تەيۋەن: خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئارال ئەتراپىدا 21 قېتىم ئۇچۇش ئېلىپ باردى
ئىران: ترامپ نە سۆھبەتلىشەلمەيدۇ، نە ئۇرۇش قىلالمايدۇ
ترامپ ئىراننىڭ ئاخىرىدا «ۋاز كېچىدىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا ئۆيلەرنى تەكشۈردى ۋە پونكىت قۇردى
ترامپ ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى يېنىكلىتىش ھەققىدىكى دەۋالارنى رەت قىلدى
ئاراقچى: قاتارلىق مۇرەسسەچىلەرگە تەكلىپلىرىمىزنى سۇندۇق، ئامېرىكانىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋاتىمىز
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ: ياپونىيە تارىختىن ساۋاق ئالمىسا، كەلگۈسىمۇ بولمايدۇ
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىنى «ترامپ بوغۇزى» دەپ ئاتىغان بىر رەسىمنى ھەمبەھىرلىدى
ئۇكرائىنا: رۇسىيە كىيېۋدا ئىككى بالىلار يەسلىسى ۋە ئىككى مەكتەپ بىناسىنى نىشان قىلدى
ئىران: ئەنگىلىيە ئىشغالچى ۋە تېررورچى ھاكىمىيەتنى قۇرۇشتىكى رولى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى شەرت
ئامېرىكا : خىتاي تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ئىراننىڭ ھۇجۇم ئىقتىدارىنى ئاشۇردى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى: 3 كىشى ئۆلدى، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى مىچوتاكىس: جۇغراپىيەنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، يانمۇيان ياشاش بىزنىڭ تەقدىرىمىز
ب د ت ئەزاسى نۇرغۇن دۆلەتلەر نېتانياھۇغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتى
سەئۇدى ئەرەبىستان باش مۇفتىسى ئارمىيەنى ھۇسىيلارغا قارشى جېنى بىلەن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى
ترامپ: خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئەزەلدىن بۇنداق ياخشى بولۇپ باقمىغان
ئابباس ئاراقچى ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى ۋىتكوف ۋە كۇشنېر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
ترامپ: غەززەگە مىلياردلارچە دوللار ياردەم قىلىنىدۇ