سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەنگلىيەدە تېرورلۇققا قارشى ھەرىكەتتە، تۆت ئىرانلىق نازارەتكە ئېلىندى
ئەنگلىيەدە «تېرور ھۇجۇمى قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ» دېگەن گۇمان بىلەن تۆت ئىرانلىقنى قوشقاندا جەمئىي بەش كىشى نازارەتكە ئېلىندى. تەكشۈرۈش داۋاملاشتۇرىۋاتقان ساقچىلار جامائەتكە قارىتىلغان باشقا بىرەر خەۋپنىڭ بار-يوقلۇقىنىمۇ تەكشۈرمەكتە.
ئەنگلىيەدە تېرورلۇققا قارشى ھەرىكەتتە، تۆت ئىرانلىق نازارەتكە ئېلىندى
The nationality of one of the men is still being established. / AFP

ئەنگلىيە ساقچىلىرى، تۆت ئىرانلىقنى قوشقاندا جەمئىي بەش ئەرنىڭ «تېرور جىنايىتى» گۇمانى بىلەن نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

لوندون مېتروپولىتېن ساقچىسى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، لوندون، سۋىندون ۋە چوڭ مانچېستېر رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان نازارەتكە ئېلىشلارنىڭ «مۇئەييەن بىر جاينى ھۇجۇم نىشانى قىلغان گۇمانلىق بىر پىلان» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يېشى 29 بىلەن 46 ئارىسىدا بولغان شەخسلەرنىڭ «تېرورلۇق ھەرىكىتى تەييارلىقى» سەۋەبىدىن ھازىرمۇ نازارەتتە تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى. ساقچى، گۇماندارلاردىن بىرىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنىڭ تېخى ئېنىقلانمىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

تەكشۈرۈشنىڭ تېز ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ۋە «تەسىرگە ئۇچرىغان جايدىكى مەسئۇللار بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئىچىدە خىزمەت قىلىپ» ئۇلارنى داۋاملىق خەۋەرلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن لوندون مېتروپولىتېن ساقچىسى تېرورغا قارشى كۈرەش باشلىقى دومىنىك مۇرفي، «تەكشۈرۈش تېخى دەسلەپكى باسقۇچلاردا ۋە مۇمكىن بولغان بىر مەقسەتنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ھەر خىل تەكشۈرۈش يوللىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتىمىز. يەنە بۇ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا جامائەتكە قارىتا باشقا بىرەر خەۋپنىڭ بار-يوقلۇقىنىمۇ بېكىتىشكە تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

 

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ