روسنېفىت ۋە لۇكويىل شىركەتلىرىنىڭ بازار قىممىتى 5.2 مىليارد دوللار تۆۋەنلىدى

ئامېرىكانىڭ يېڭى ئېمبارگوسىدىن كېيىن، روسنېفىت ۋە لۇكويىل شىركەتلىرىنىڭ بازار قىممىتى 5.2 مىليارد دوللار تۆۋەنلىدى.

روسنېفىت شىركىتىنىڭ موسكۋادىكى ئىشخانا بىناسى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەندىن كېيىن، موسكۋانىڭ باش ئىقتىساد مۇزاكىرەچىسى كىرىل دمىترىيېف سۆھبەت ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا يېتىپ باردى.

ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى نېفىت ئىشلەپچىرىش شىركىتى روسنېفىت (Rosneft) بىلەن لۇكويىل (Lukoil) شىركەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تارماق شىركەتلىرىگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ئىككى شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 5.2 مىليارد دوللار تۆۋەنلىدى.

روسنېفىت پاي چەكلىرى جۈمە (24-ئۆكتەبىر) كۈنى كەچتە %3 تۆۋەنلەپ 4.19 دوللارغا چۈشتى؛ شۇ كۈنى بىر كۈن ئىچىدە 4.12 دوللارغىچە تۆۋەنلىدى (2023-يىلى مايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا) ۋە بازار قىممىتىدىن 127 مىليارد رۇبلىي يوقالدى.

لۇكويىل پاي چەكلىرى ئىككى كۈندە %7.2تۆۋەنلەپ، 3.66 مىليارد دوللار يوقاتتى.

بازار سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، لۇكويىلنىڭ ئاساسلىق ھەسسىدارلىرىدىن %28 پايغا ئىگە مىلياردېر ۋاگىت ئالېكپېروف ئىككى كۈندە 1 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق زىيان تارتقان.

تەھلىلچىلەرنىڭ دېيىشىچە، دونالد ترامپ ئاقسارايغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيانقى رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن تۇنجى قېتىملىق بۇ ئېمبارگو، موسكۋانىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇشى مۇمكىن.

ئاسترا مالىيە باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ سېلىنما دىرېكتورى دىمىترىي پولېۋوي «موسكۋا ۋاقتى گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «سەرپىياتلار يېڭىدىن ھېسابلىنىۋاتقان بولغاچقا، رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكسپورت مىقدارى تۆۋەنلىشى، رۇسىيە نېفىتىدىكى ئېتىبار باھالارمۇ كېڭىيىشى مۇمكىن» دېدى.

«ئالفا» بانكاسىنىڭ تەھلىلچىلىرى روسنېفىت ۋە لۇكويىلنىڭ چەت ئەللىك خېرىدارلىرىنىڭ ئازىيىشى مۇمكىنلىكىنى، ھىندىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق ئاساسلىق بازارلارغا نېفىت ئېكىسپورت قىلىشنى ئاقسىتىپ قويۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

روسنېفىتنىڭ پايدىسى 2025-يىلىنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئۈچ ھەسسە، لۇكويىلنىڭ پايدىسى يېرىم ھەسسە تۆۋەنلىدى، بۇ يېڭى ئېمبارگودىن ئىلگىرىكى كۈچلۈك ئىقتىسادىي چېكىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئېيلور بروكېر (Alor Broker) نىڭ تەھلىلچىلىرى بازارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىنكاسىنىڭ ئامېرىكانىڭ رۇسىيە نېفىتىنىڭ ئوبوروتىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان بانكالارنى نىشانلىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: « نېفىت ئادەتتە ۋاستىچىلار ئارقىلىق سېتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، چەت ئەل بانكالىرى رۇسىيە شىركەتلىرىگە رەسمىي ھالدا پۇل تۆلىمەسلىكى مۇمكىن» دېدى.

روسنېفىت ۋە لۇكويىل شىركەتلىرىنىڭ پايچەكلىرى جۈمە كۈنى موسكۋا ئاكسىيە بازىرىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان چوڭ شىركەتلەر ئىچىدە پايچېكى قاتتىق چۈشۈپ كەتكەن شىركەتلەر بولدى.

رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەلچىسى ئامېرىكاغا يېتىپ باردى


رۇسىيەنىڭ باش ئىقتىسادىي مۇزاكىرەچىسى جۈمە كۈنى، يەنى  ۋاشىنگتون موسكۋانىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى نېفىت شىركىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، سۆھبەت ئۈچۈن ئامېرىكاغا يېتىپ باردى.

بۇ زىيارەت ئامېرىكانىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلۇشنى رەت قىلىشىدىن كېلىپ چىققان نارازىلىقى كۈچەيگەن ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پۇتىن بىلەن بۇداپېشتتا پىلانلانغان سۆھبەتنى بىكار قىلىپ، «قۇرۇق يىغىن» نى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

پۇتىننىڭ باش ئىقتىسادىي مۇزاكىرەچىسى كىرىل دمىترىيېف  ئېكس (X) ئادرېسىدا، ئامېرىكا-روسىيە دىيالوگىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكاغا كەلدىم. بۇ زىيارەت قىسقىغىنە ۋاقىت ئىلگىرى ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن پىلانلانغان ئىدى» دېدى.

ئۇ رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىغا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ «تاس» ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇكرائىنا دىيالوگقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ، بۇنى ئەنگلىيە ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ تەلىپى بىلەن قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلار توقۇنۇشنىڭ داۋاملىشىشىنى خالايدۇ» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ يېڭى ئېمبارگوسى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۆزىنىڭ گولدمەن ساچس (Goldman Sachs) نىڭ سابىق بانكىرى ۋە ستانفورد (Stanford) ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئېمبارگولارنىڭ ئامېرىكاغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى، بېنزىن باھاسى ئۆسۈپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا پۇقرالىرىغا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«رۇسىيە بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ يوشۇرۇن كۈچى يەنىلا مەۋجۇت، بۇ پەقەت رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىنغاندىلا مۇمكىن بولىدۇ.»