تۈرك دۇنياسى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەلىيېۋ تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بەردى: بۇنچىلىك دوست بولغان باشقا ئىككى دۆلەت يوق
4-قېتىملىق شۇشا خەلقئارالىق تاراتقۇ مۇنبىرى باشلاندى.
ئەلىيېۋ تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بەردى: بۇنچىلىك دوست بولغان باشقا ئىككى دۆلەت يوق
ئەلىيېۋ تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بەردى: بۇنچىلىك دوست بولغان باشقا ئىككى دۆلەت يوق

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ: «تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قوشنا دۆلەتلەر تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىشى ۋە ئۈلگە قىلىنىشى كېرەك بولغان بىر مودېلدۇر. قوشنا دۆلەتلەرمۇ خۇددى تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجانغا ئوخشاش پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەك» دېدى.

ئىلھام ئەلىيېۋ 4-قېتىملىق شۇشا خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇنبىرى يىغىنىنىڭ قاتناشچىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەرگە باھا بەردى.

ئەلىيېۋ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئېنېرگىيە، ئالاقە ۋە خەلقلەر ئارا مۇناسىۋەت ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىگە قارىغاندا، دۇنيادا تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاندەك بىر-بىرىگە يېقىن، بىر-بىرىنى بۇنچىلىك قوللايدىغان ۋە بىر-بىرىگە بۇنچىلىك دوست بولغان باشقا ئىككى دۆلەتنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلەپ: «بۇ خەلقلىرىمىز ۋە دۆلەتلىرىمىز ئۈچۈن زور بىر ئۇتۇقتۇر. بىز بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغاندا تېخىمۇ قۇدرەت تاپىمىز» دېدى.

ئۇ، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ رايونلۇق مۇقىملىق ۋە ھەمكارلىق جەھەتتىنمۇ ناھايىتى مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ مۇناسىۋەتلەر خەۋپسىزلىك جەھەتتىنمۇ مۇھىم بىر ئامىل ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بىز مۇشۇ يەردە، يەنى شۇشادا، بۇنىڭدىن 5 يىل ئىلگىرى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە «شۇشا خىتابنامىسى» نى ئىمزالىغان ئىدۇق. مەزكۇر ھۆججەت مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئىتتىپاقداشلىق سەۋىيەسىگە يەتكۈزدى. شۇڭا بىز پەقەت قېرىنداش ۋە دوستلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئىتتىپاقداشمىز. ئەگەر ئىككىمىزدىن بىرىنىڭ بېشىغا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك ياكى يامان ئىش كەلسە، يەنە بىرىمىز ئۆزىگە تەۋە بارلىق ئىمكانىيەتلەر بىلەن، بۇنىڭغا ھەربىي يوشۇرۇن كۈچمۇ كىرىدۇ، قېرىندىشىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىدا بولىدۇ.

 ئەجدادلىرىنىڭ بىر بولۇشى ياكى بىر تىل سىستېمىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇش ھەر ۋاقىت مۇشۇنداق ئاساسنى يارىتالمايدۇ. ئەكسىچە، بەزىدە ئاساسەن ئوخشاش تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشقانلىقىنى كۆرىمىز. ئوخشاش دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىگىمۇ شاھىت بولۇۋاتىمىز. شۇڭا تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قوشنا دۆلەتلەر تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىشى ۋە ئۈلگە قىلىنىشى كېرەك بولغان بىر مودېلدۇر. قوشنا دۆلەتلەرمۇ خۇددى تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجانغا ئوخشاش پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەك.»

«تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تاراتقۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى: ھەقىقەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىشەنچنى قايتا تۇرغۇزۇش» تېمىسىدىكى 4-قېتىملىق شۇشا خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇنبىرى يىغىنىغا 53 دۆلەتتىن 160 ئەتراپىدا ئىشتىراكچى قاتناشماقتا.

30 دىن ئارتۇق خەۋەر ئاگېنتلىقى، 10 خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە 60 قا يېقىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئورگىنى قاتناشقان يىغىن ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ.

ئىزدىنىڭ
يەمەن ئامېرىكانى ھۇسىيلارغا بېرىلىۋاتقان ياردەمنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
سىنگاپوردا «سەلبىي خەۋەرلەرگە بېرىلىپ كېتىش» كە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇغانلارغا پۇل تۆلەنمەكتە
لوس ئانژېلېستا تىك ئۇچار ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىرانغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى توختىتىش قانۇن  لايىھەسىنى تەستىقلىدى
خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ F-15 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلانغان قۇتقۇزۇش خادىمىغا ياردەمگە كەلگەن پەلەستىنلىك بالىنى ئۆلتۈردى
«ترامپ ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەگە 40 مىڭ بومبا سېتىپ بېرىشكە تەييارلانماقتا»
غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا زىيانغا ئۇچرىغان بىر بىنانىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ 9 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە: ئالەم بوشلۇقىدىكى قوراللىنىش رىقابىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي قەدەم تاشلىنىشى كېرەك
ئامېرىكا بىلەن سۈرىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھەم رايون بىخەتەرلىكىنى مۇزاكىرە قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان مەككە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشكە ئۇرۇنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
سۈرىيە پىرېزىدېنتى: ئېمبارگولار بىكار قىلىنغاندىن كېيىن سۈرىيە «قايتا تۇغۇلدى»
خىتاي ئامېرىكانى ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەربىي كۈچ كۆپەيتىشنى توختىتىشقا چاقىردى
شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ب د ت: مالىدىكى پاناھلانغۇچىلار ۋە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلار سانى 731 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى