مېرز: تۈركىيە بىلەن بولغان يېقىن شېرىكلىكىمىزنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى خالايمەن
گېرمانىيە باش مىنىستىرى فىرىدرىخ مېرز، تۈركىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن شېرىكلىكنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مېرز «تۈركىيە بىلەن  بولغان يېقىن شېرىكلىكىمىزنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى خالايمەن» دېدى. / Reuters
      مېرز ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇشتىن ئىلگىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى X تە بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئالاقىلەرگە ئىشارەت قىلىپ، «تۈركىيە بىلەن بىزنى ئالاھىدە ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئالاقىلەر بىرلەشتۈرۈپ تۇرىدۇ. تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى تېمىلىرى شۇنداقلا كۆچ، ئېنېرگىيە ۋە تىجارەت ساھەلىرىمۇ شۇنداق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مېرز جۇمھۇر زىيارىتى جەريانىدا رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، «يېقىن شېرىكلىكىمىزنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى خالايمەن. شۇڭا مەن ئەنقەرەدە بولىمەن» دېدى.