خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى لى جې-ميوڭ سېئۇلنىڭ توقۇنۇشقا ئارىلاشماستىن، سودا پاراخوتلىرى، خام نېفىت توشۇش لىنىيەلىرى ۋە پۇقرالىرىنى قوغداشقا قارىتىلغان تەدبىرلەرگە قاتنىشىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
2026-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، جەنۇبىي كورېيە پىرىزىدېنتى لى جەميوڭ جەنۇبىي كورېيەنىڭ سېئۇل شەھىرىدىكى پىرىزىدېنت مەھكىمىسى «كۆك ساراي»دا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشماقتا. / Reuters

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى لى جې-ميوڭ سېئۇلنىڭ دۆلەتنى چەت ئەلدىكى بىر توقۇنۇشقا سۆرەپ كىرىشى مۇمكىن بولغان شەكىلدە ھەربىي خادىم ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ھۈرمۈز بوغۇزىدىكى ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جەڭگىۋار قىسىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنى رەت قىلدى.

«يونخاپ» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لى جۈمە كۈنى تېلېۋىزىيەدە تارقىتىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «شۇنى ئېنىق ئېيتىپ قوياي: توقۇنۇشقا قاتنىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان شەكىلدە قوشۇن ئەۋەتىلمەيدۇ. ئۇرۇشقا ھەر قانداق شەكىلدە قاتنىشىش ياكى ئارىلىشىش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس» دېدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، لى جەنۇبىي كورېيەنىڭ پۇقرالىرىنى ۋە بۇ ئىستراتېگىيەلىك سۇ يولىدىكى خام نېفىت توشۇش لىنىيەلىرىنى قوغداش ئۈچۈن «ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى پائالىيەتلەر»نى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ جەنۇبىي كورېيەنىڭ «چۇڭخەي» ھەربىي قىسمىنىڭ رايوندىكى ۋەزىپە دائىرىسىنى ئاللىقاچان كېڭەيتكەنلىكىنى، سېئۇلنىڭ بۇ تەدبىرلەرنى كۈچەيتىش يوللىرىنى باھالاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

«چوسۇن كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لى جەنۇبىي كورېيەنىڭ توقۇنۇشقا قاتناشماسلىق ۋە ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكرارلاپ: «ئۇرۇش مەقسىتىدىكى قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇش بولمايدۇ» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

بۇ باياناتلار ۋاشىنگتوننىڭ بېسىمى ئاستىدا، جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدىكى دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكىنى قوغداش تىرىشچانلىقىغا قانداق ھەسسە قوشالايدىغانلىقىنى باھالاۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

ھۆكۈمەت ھازىرغىچە قارار چىقىرىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. باھالىنىۋاتقان تاللاشلار ئارىسىدا دېڭىز چارلاش ئايروپىلانلىرى، پارتلاتقۇچ ئوق-دورا ۋە بومبىلارنى بىرتەرەپ قىلىش ئەترەتلىرى، شۇنداقلا دېڭىز مىنالىرىنى بايقاش ۋە تازىلاشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز سىستېمىلار بار.

ھۈرمۈز بوغۇزى جەنۇبىي كورېيە ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئېنېرگىيە كارىدورى ھېسابلىنىدۇ. ئىران قاتناشقان توقۇنۇش ۋەزىيىتى ۋە يەمەندىكى ھۇسىيلارنىڭ كۈچىيىۋاتقان پائالىيەتلىرى دېڭىز تىرانسپورتى ۋە خام نېفىت تەمىناتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلدى.

لى توقۇنۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە پاراخوتلار خەتەرلىك سۇ رايونلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، جەنۇبىي كورېيەنىڭ خام نېفىت تەمىنلەشتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى