تانزانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پىرېزىدېنت سامىيە سۇلۇخۇ ھەسەن زوراۋانلىق، ئىنتېرنېت تورىنى چەكلەش ۋە كەڭ قىرغىنچىلىق خەۋەرلىرىنىڭ كۆلەڭگىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.
      
      
        تانزانىيە پىرېزىدېنتى سامىيە سۇلۇخۇ ھەسەن شەنبە (1-نويابىر) كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ سايلامدىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئاساسلىق رەقىبلىرى تۈرمىگە تاشلانغان ياكى سايلىنىش سالاھىيىتىدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، سايلام بىر نەچچە كۈنلۈك ئەجەللىك داۋالغۇش پەيدا قىلغان.
دۆلەت تېلېۋىزىيەلىرىدە ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھەسەن ھەر بىر سايلام رايونىدا%95 تىن ئارتۇق بېلەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، ئاخىرقى نەتىجە بىر نەچچە سائەت ئىچىدە ئېلان قىلىنىدىكەن. ئۇ بۈگۈن قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدىكەن.
ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە چادېما (Chadema) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، سايلام كۈنى نارازىلىق نامايىشى پارتلىغاندىن بۇيان، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن يۈزلەرچە ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن. ب د ت «ئۆلۈم-يېتىم ۋە يارىلىنىش ھەققىدىكى دوكلاتلار» توغرىسىدا ئۆز ئەندىشەلىرىنى بىلدۈرگەن.
چادېمانىڭ باياناتچىسى فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى- ئا ف پ (AFP) غا دوختۇرخانا ۋە داۋالاش ئورۇنلىرىدىن يىغىلغان سانلىق مەلۇماتلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ، 700 ئەتراپىدا ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان. بىر بىخەتەرلىك خادىمى ۋە دارۇسالامدىكى بىر دىپلوماتمۇ ئۆلۈم-يېتىمنىڭ «يۈزلەرچە» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
پۈتۈن مەملىكەتتە ئىنتېرنېت ئۈزۈۋېتىلدى، سىرتلارغا چىقىش چەكلەندى.
تانزانىيەدە سايلام ھارپىسىدا ژۇرنالىستلارغا چەكلىمىلەر قويۇلدى، بۇ ئەھۋال مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى قىيىنلاشتۇردى. ھەسەن ھۆكۈمىتى «ھەددىدىن زىيادە كۈچ ئىشلەتكەنلىكىنى» رەت قىلدى.
تانزانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەھمۇد سابىت كومبو (Mahmoud Thabit Kombo) ئەلجەزىرە قانىلىغا: «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار توغرىسىدا ھېچقانداق سانلىق مەلۇمات يوق» دېدى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى سايلامدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۆكتىچىلەرنى قورقۇتۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەنلىكىنى، شۇڭا سايلامنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆلەڭگە چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان.
چادېما سايلامغا قاتنىشىش سالاھىيىتىدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، بۇ پارتىيەنىڭ رەھبىرى ھازىرمۇ دۆلەتكە خىيانەت قىلىش جىنايىتى بىلەن سوتلانماقتا.
خەلقنىڭ غەزىپى ھەسەننىڭ ئوغلى ئابدۇل ھالىم ھافىد ئەمىرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، تەنقىدچىلەر ئۇنى باستۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان دەپ ئەيىبلىگەن.
تەھلىلچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2021-يىلى ئىلگىرىكى پىرېزىدېنت جون ماگۇفۇلى (John Magufuli) ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان سامىيە سۇلۇخۇ ھەسەن پارتىيە ئىچىدىكى كونتروللۇقىنى مۇستەھكەملەشكە ۋە ئىچكى نارازىلىقنى نېيتراللاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان.
ئارمىيە باشلىقى جاكوب مىكۇندا (Jacob Mkunda) پەيشەنبە (30-ئۆكتەبىر) كۈنى نارازىلىق نامايىشىغا قاتناشقۇچىلارنى «جىنايەتچى» دەپ ئاتىغان ۋە پىرېزىدېنتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.