جاكارتادا بىر مەكتەپ قورۇسىدىكى جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 54 كىشى يارىلاندى

ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادىكى بىر مەكتەپ قورۇسىدىكى جامەدە جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن پارتلاشتا 50 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى، دائىرىلەرنىڭ پارتلاشنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

By
جاكارتادا بىر مەكتەپ قورۇسىدىكى جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 54 كىشى يارىلاندى / Reuters

ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادىكى بىر مەكتەپ قورۇسىدىكى جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا كەم دېگەندە 54 كىشى يارىلاندى. رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاسېپ ئېدى سۇخېرى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، پارتلاشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تېخى بايانات ئېلان قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پارتلاشتا بەزىلىرى يېنىك، بەزىلىرى ئوتتۇراھال بولۇپ، 54 ئەتراپىدا ئادەم يارىلانغان. يارىدارلارنىڭ بەزىسى دوختۇرخانىدىن چىقتى.»

ساقچى باشلىقى ئاسېپ ئېدى سۇخېرى تېلېۋىزوردا تارقىتىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، پارتلاشنىڭ سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن كېيىن، پارتلاشنى قىسقا توك يولى، بۇزۇلغان ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنە ياكى قول بومبىسى قاتارلىق بىرنەچچە ئېھتىماللىق كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

جاكارتا گلوبېنىڭ ساقچى مەنبەلىرىگە ئاساسەن بەرگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، مەزكۇر پارتلاش جاكارتانىڭ شىمالىغا جايلاشقان 72-نومۇرلۇق دۆلەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ (SMA Negeri 72) نىڭ جامەسىدە شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 12:30 (05:30GMT) دا يۈز بەرگەن.

يەرلىك تاراتقۇلار ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى ئېلان قىلدى. بەزى تاراتقۇلار يارالانغانلار سانىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى، بەزى كىشىلەرنىڭ دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋەقەدىن كېيىن بومبا بىر تەرەپ قىلىش ئەترىتى رايوندا ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەينەك پارچىلىرى ۋە شىددەتلىك پارتلاشنىڭ تەسىرىدە يېنىك يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كومپاس تېلېۋىزىيەسى (KompasTV) ۋە مېترو تېلېۋىزىيەسى (MetroTV) قاتارلىق خەۋەر قاناللىرى، مەكتەپ ئەتراپىدا ساقچى سىزىقى تارتىلغانلىقىنى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنىڭ تەييار ھالەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى ئېلان قىلدى. جامەنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدە بولسا چوڭ زىياننىڭ يوقلۇقى كۆرۈلدى.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاش جامەنىڭ چوڭ  ھويلىسىنىڭ ئارقا قىسمىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ناماز ئوقۇۋاتقانلار ۋەقە جەريانىدا بىخەتەر جايغا قېچىشقا مەجبۇر بولغان. جاكارتا گلوبېنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بۇدى لاكسونو: «خۇتبە يېڭى باشلانغاندا قاتتىق پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق. ئىس - تۈتەك تېزلا ھەممە ياقنى قاپلاپ كەتتى. ئوقۇغۇچىلار سىرتقا يۈگۈرۈشتى - بەزىلىرى يىغلايتتى، بەزىلىرى ئۈمىدسىزلىنىپ يەرگە يىقىلدى» دېگەن.