خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىراندا نارازىلىق نامايىشلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 38 گە يەتتى
ئامېرىكاغا جايلاشقان بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 31 ۋىلايەتتە داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرىدا ئونلىغان كىشى يارىلانغان، 2 مىڭ 217 كىشى قولغا ئېلىنغان.
ئىراندا نارازىلىق نامايىشلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 38 گە يەتتى
ئىراندا يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 38 گە يەتتى / Reuters

ئىران مەسىلىسى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىراندا يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانىنىڭ 38 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكاغا جايلاشقان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، نامايىشلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا داۋاملىشىۋاتقىنىغا 11 كۈن بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نارازىلىق نامايىشلىرى 31 ۋىلايەتنىڭ ھەممىسىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، نامايىشلاردا 34 نامايىشچى ۋە تۆت دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچى خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

348 جايدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا ئونلىغان كىشى يارىلانغان، 2 مىڭ 217 كىشى قولغا ئېلىنغان.

دائىرىلەر ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ۋە يارىلانغانلار ھەققىدە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان  قىلمىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۈمە كۈنى ئەگەر تېھران نامايىشچىلارغا قارشى ئۆلۈم خەۋپى يارىتىدىغان كۈچ ئىشلەتسە، ۋاشىنگتوننىڭ نامايىشچىلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ بايانات ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.

ئىران يېقىنقى ھەپتىلەردە ئىقتىسادىي ئەھۋالنىڭ يامانلىشىپ كېتىشى ۋە رىيالنىڭ دوللارغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ 1 مىليون 350 مىڭدىن ئېشىپ، قىممىتىنىڭ تېز سۈرەتتە تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرىغا سەھنە بولماقتا.

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى
بەشىكتاش كوماندىسى ياۋروپادا كۈچلۈكلۈكىنى نامايان قىلدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى