ئۇكرائىنا ھەيىتى تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدۇ
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنا ھەيىتى تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدۇئۇكرائىنادىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارمۇ ئورۇن ئالغان بىر ھەيئەت توقۇنۇشنى ھەل قىلىش  نىشان قىلىنغان سۆھبەتلەر ئۈچۈن بۇ ھەپتە ئاخىرى ئامېرىكاغا سەپەر قىلىدۇ.
ئۇكرائىنا ھەيىتى تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدۇ / AP

ئۇكرائىنالىق بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار جۈمە كۈنى  فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى (AFP) غا بەرگەن باياناتىدا، ئۇكرائىنا سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ ۋاشىنگتوننىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن، بۇ ھەپتە ئاخىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مەسىلىنىڭ سەزگۈر بولۇشى سەۋەبىدىن ئىسمىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى خالىمىغان مەنبە: «ھەيئەتنىڭ بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كۆرۈشۈشى پىلانلانماقتا» دېدى.

 Bloomberg News نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھەيئەت يۇقىرى دەرىجىلىك خەۋپسىزلىك ئەمەلدارى رۇستەم ئۇمەروۋ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرى سېرگىي كىسلىتسيا قاتارلىقلاردىن  تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەيئەتنىڭ ئامېرىكا ئالاھىدە ئەلچىسى ستېۋ ۋىتكوف ۋە ئاقساراي سابىق مەسلىھەتچىسى جارېد كۇشنېر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

سۆھبەتلەرنىڭ فلورىدادا ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن

مەزكۇر ئەمەلدار، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ سابىق باش مەسلىھەتچىسى ئاندىرى يېرماكنىڭمۇ دەسلەپتە سۆھبەتلەرگە قاتنىشىشىنىڭ پىلانلانغانلىقىنى، بىراق يېرماكنىڭ جۈمە كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى