خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
زېلېنسكىي پۇتىننىڭ ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدىن بۇرۇن ترامپنى غەزەپلەندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئالدىمىزدىكى بىرنەچچە ھەپتىنىڭ دىپلوماتىك بىر پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى / Reuters Archive

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى قايتىدىن باشلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي «Axios» خەۋەرلەر تورىغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ قىش ئايلىرىدا ئۇرۇشنىڭ كەسكىنلىكىنى پەسەيتىشكە ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بىر تىنچلىق كېلىشىمى ئۈچۈن سۆھبەتلەرنى قايتىدىن باشلاشقا ئالاقىدار قەدەم تاشلاش ئېھتىماللىقىنى باھالاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

زېلېنسكىي دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئامېرىكادىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى غەزەپلەندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدىمىزدىكى بىرنەچچە ھەپتىنىڭ دىپلوماتىيە ئۈچۈن بىر پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

زېلېنسكىي: «مېنىڭچە، پۇتىننىڭ ترامپقا ئېھتىياجى بار. ئۇنى... غەزەپلەندۈرۈشنى خالىمايدۇ» دېدى ۋە پۇتىننىڭ سايلامدىن بۇرۇن ترامپقا دىپلوماتىك بىر ئۇتۇق قازاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇش-ئۇرۇنماسلىقى ھەققىدىكى سوئالغا «شۇنداق» دەپ جاۋاب بەردى.

ترامپنىڭ ۋەكىللىرى ستىۋ ۋىتكوپ ۋە جېرېد كۇشنېرنىڭ موسكۋادا پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۈچ سائەتلىك كۆرۈشۈشىنىڭ ئارقىسىدىن زېلېنسكىي يەكشەنبە كۈنى ئۇلار بىلەن كىيېۋدا ئۇچراشتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US envoy signals momentum for Russia-Ukraine talks

يېڭى تەكلىپلەر

زېلېنسكىي ئامېرىكا ھەيئىتىنىڭ ئالدى بىلەن دىپلوماتىك مۇساپىگە «يول ئېچىش» مەقسىتىدە موسكۋا ۋە كىيېۋغا بارغانلىقىنى، ئۆزلىرى بىلەن بىللە قىشتىن بۇرۇن ۋە قىش بويىچە جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە دائىر ئېھتىماللىقى بولغان تەدبىرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى تەكلىپلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى ۋە ئاشلىق توشۇش، ئېلېكتىر ەسلىھەلىرى ۋە نېفىت ھەمدە تەبىئىي گاز ئېكسپورتى مەسىلىلىرىدە تۈرلۈك پىكىرلەر بار. رۇسىيە بىلەن بىزنىڭ ئوخشىمايدىغان مەنپەئەتلىرىمىز بار» دېدى، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرىغا چىققان پوزىتسىيەسىنىڭ ھەم سۆھبەتلەرنى قايتىدىن باشلاشنى ھەمدە قىش ئايلىرىدا چوڭ بىر سۈركىلىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى تېپىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ قاراشنىڭ «مەزكۇر سۆھبەتلەرنىڭ رېئاللىقىغا ئىنتايىن يېقىن» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Russia hails talks with US envoys as Ukraine plans 'next steps'
ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى