سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ 2026-يىللىق G20 يىغىنىنىڭ مىيامىدا چاقىرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 250 يىللىقى تەبرىكلىنىدىغان بىر پەيتتە، G20 باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىش، ئەرزان ئېنېرگىيە ۋە يېڭى تېخنولوگىيەلەرگە مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ 2026-يىللىق G20 يىغىنىنىڭ مىيامىدا چاقىرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ترامپ 2026-يىللىق G20 يىغىنىنىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىش، ئەرزان ئېنېرگىيە ۋە يېڭى تېخنولوگىيەلەرگە مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2026-يىللىق G20 باشلىقلار يىغىنىنىڭ مىيامىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئامېرىكانىڭ 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ يىغىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى ھېسابلىنىدۇ.

ترامپ ئاقسارايدا مۇخبىرلارغا: «كېلەر يىلى دۆلىتىمىزنىڭ 250 يىللىقى تەبرىكلىنىدىغان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم G20 باشلىقلار يىغىنىنى دەل مۇشۇ يەردە، ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشىدۇ» دېدى.

ئۇ كۈنتەرتىپنىڭ «مۈشكۈل بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئەرزان ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە يېڭى تېخنولوگىيەلەرنىڭ باشلامچىلىق قىلىشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئىقتىسادىي گۈللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇش» قا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسسېنت (Scott Bessent) تەرىپىدىن تەييارلانغان پىروگراممىنىڭ،  G20  باشلىقلار يىغىنى G100 گە كېڭەيتىلگەندىن كېيىن، ئاساسىي مەسىلىلەرگە «مەركەزلەشكەن بىر گۇرۇپپا» ئەتراپىدا شەكىللەندۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ G20  باشلىقلار يىغىنىنىڭ مىيامىدىكى «ترامپ دۆلەتلىك دورال گولف مەيدانى» دا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما ساھىبخانلىق قىلىشتىن نەپ ئالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ترامپ: «مېنىڭچە ھەممە ئادەم ئۇ يەردە بولۇشنى خالايدۇ، چۈنكى ئۇ ئايرودۇرۇمنىڭ يېنىدا، ئورنى ياخشى، ناھايىتى گۈزەل جاي. ئەسلىدە نۇرغۇن كىشى يىغىننىڭ شۇ يەردە بولۇشىنى تەلەپ قىلدى، چۈنكى ئورنى بەك ياخشى. بىز ئۇنىڭدىن ھېچقانداق پۇل تاپمايمىز، بۇ ئىشتا پۇل يوق. مەن پەقەت ئۇنىڭ ياخشى ئۆتۈشىنىلا خالايمەن» دېدى.

بۇ ئۇقتۇرۇش 2019-يىلنى ئەسلەتتى. شۇ چاغدا ترامپنىڭ G7 يىغىنىنى ئوخشاش بىر ئورۇندا ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى مەنپەئەت توقۇنۇشى سەۋەبىدىن تەنقىدكە ئۇچرىغان ۋە كېيىن بۇ پىكىردىن ۋاز كەچكەن ئىدى.

شۇڭا، ترامپ بۇ قېتىم كېلىشىمنىڭ ئۇنىڭ تىجارىتى ئۈچۈن ھېچقانداق پايدا كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مىيامى لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ۋە خەلقئارادىكى دىپلوماتىيە مەركىزى بولۇپ كەلدى. بۇ تاللاشنىڭ مىيامىنىڭ قاتناشقا قولايلىقى ۋە سىمۋوللۇق مەنىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش جەھەتتىن مۇۋاپىق ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

G20 باشلىقلار يىغىنى 1776-يىلدىكى مۇستەقىللىق خىتابنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 250 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بىلەن تەڭ ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئامېرىكا ئۆتكۈزگەن ئەڭ ئاخىرقى G20 باشلىقلار يىغىنى 2009-يىلى ئوباما ھۆكۈمىتى دەۋرىدە، يەر شارى خاراكتېرلىك پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن پىتتسبۇرگ (Pittsburgh) دا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»