تۈركىيە ئافغانىستاندىكى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئافغانىستاندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى ئەۋەتىپ، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە قاتناشماقتا.

ئافغانىستاننىڭ كۇنار ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ھازىرغىچە 1400 دىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA

ئافغانىستاندا يەر تەۋرەشنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان كۇنار ئۆلكىسىدە 1411 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 3124 ئادەم يارىلاندى، 5412 ئۆي يىقىلدى.

تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ كۇنار ئۆلكىسىدە نەچچە مىڭ كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان يەر تەۋرەشتىن كېيىن، ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى ئەۋەتتى. ئۆلكىدىكى قۇتقۇرۇش ۋە ئىزدەش خىزمەتلىرى ئاپەتنىڭ ئۈچىنچى كۈنىدىمۇ داۋاملاشماقتا.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى  (3-سېنتەبىر) ئېكس (X ) بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:

«ئافغانىستاننىڭ كۇنار ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ۋە قىزىلئاي تەييارلىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنى ئافغانىستانغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ھاۋا ئارمىيەمىزنىڭ <A400M > تىپلىق ئايروپىلانى قەيسەرى ئەركىلەت ئايرودۇرۇمىدىن يولغا چىقتى.»

كۇنار ئۆلكىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر تالىبان ئەمەلدارى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا،  ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلەرنى تېخىمۇ بىخەتەر رايونلارغا يۆتكەشنى پىلانلىغانلىقىنى، بىراق ياردەملەرنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە (2-سېنتەبىر) يىراقتىكى رايونلارغا يېتىپ بېرىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تالىبان ئەمەلدارى مۇنداق دېدى:

«يەرلىك خەلق يېقىنلىرىنىڭ جەسەتلىرى خارابىلىك ئاستىدا تۇرۇۋاتقاندا كېتىشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز چېدىر ۋە باشقا ئاساسىي ئېھتىياجلىق ئەشيالارنى تارقىتىشقا باشلىدۇق.»

كۇنار ئۆلكىسى ئافغانىستاننىڭ شەرقىدە يەر تەۋرەشنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى. يەر تەۋرەشتە ھازىرغا قەدەر 1400 دىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

تالىبان يەرنىڭ تاغلىق بولۇشى ۋە بۇزۇلغان يوللارنىڭ ياردەم يەتكۈزۈشنى قىيىنلاشتۇرغانلىقىنى، ئەمما قۇتقۇرۇش ۋە ئىزدەش ئەترىتىنىڭ بارلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى تالىبان ئەمەلدارى يەنە مۇنداق دېدى:

 «مۇمكىن بولغان جايلارغا ياردەم ئەشيالىرىنى ماشىنىلار بىلەن ئەۋەتىۋاتىمىز، ئەمما يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن يېتىپ بارغىلى بولمايدىغان رايونلارغا تىك ئۇچارلار ئارقىلىق توشۇلۇۋاتىدۇ، يارىلانغانلار دوختۇرخانىلارغا يۆتكىلىۋاتىدۇ.»

ئىنتايىن جاپالىق

كۇنار ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق ئابدۇل ۋەھىد مۇنداق دېدى:

«قالدۇق يەر تەۋرەشلەر، خەلق ئارىسىدا قورقۇنچ پەيدا قىلىۋاتىدۇ.»

سەيشەنبە كۈنى (2-سېنتەبىر) مۇ ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدا 5.2 بال قالدۇق يەر تەۋرىدى ۋە بۇ  پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىمۇ ھېس قىلىندى.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى ئاپەتنىڭ تېخىمۇ چوڭ كىرىزىسقا ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي خەلقئارالىق قوللاشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ب د ت ئافغانىستان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كوردىناتورى ئىندرىكا راتۋات (Indrika Ratwatte ) سەيشەنبە كۈنى (2-سېنتەبىر) ، يەر تەۋرەشنىڭ ئافغانىستاننىڭ شەرقىگە- دۆلەت بىردىن كۆپ كىرىزىسقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

 «ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار، مۇساپە ۋە ئىنتايىن جاپالىق جۇغراپىيەلىك شارائىتنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەر سانىنىڭ نەچچە يۈز مىڭغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلەيمىز.»

ئۆلۈم سانى ئېشىشى مۇمكىن


ئافغانىستانغا قوشنا پاكىستان، ئىران، خىتاي ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن غەرب ئەللىرى ئافغانىستانغا ياردەم ئەۋەتىشنى ۋەدە قىلدى.

تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت باياناتچىسى زابىھۇللاھ مۇجاھىدنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئەڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان كۇنار ئۆلكىسىدە 1411 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 3124 ئادەم يارىلانغان. يەر تەۋرەشتە 5412 ئۆي ۋەيران بولغان.

تالىبان دائىرىلىرى نانگەرخار، لاگمان ۋە پەنچىشىر ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتلار ئاشكارىلانغاندا، ئۆلۈم سانىنىڭ تېخىمۇ ئېشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى، يەر تەۋرەش يەكشەنبە كۈنى (31-ئاۋغۇست) كەچتە شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 11 دىن 47 مىنۇت ئۆتكەندە،  جەلالابادنىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي شىمالىدىن 27 كىلومېتىر يىراقلىقتا، يەردىن سەككىز كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش، ئافغانىستان تالىبانلىرى 2021-يىلى 8-ئايدا ھاكىمىيەت بېشىغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيان ئۇرۇش ۋەيران قىلغان بۇ دۆلەتكە ئېغىر زىيان سالغان ئۈچىنچى قېتىملىق چوڭ يەر تەۋرەش بولدى.