غەززە ئۇرۇشى
4 مىنۇت ئوقۇش
غەززەدە 24 سائەتتە كەم دېگەندە 104 كىشى ئۆلتۈرۈلدى
غەززەدە 24 سائەتتە كەم دېگەندە 104 كىشى ئۆلتۈرۈلدى، يەنە بىر تەرەپتىن قاتاردا ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا.
غەززەدە 24 سائەتتە كەم دېگەندە 104 كىشى ئۆلتۈرۈلدى
غەززەدە 24 سائەتتە كەم دېگەندە 104 كىشى ئۆلتۈرۈلدى
2025-يىلى7-ئاينىڭ6-كۈنى

غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتىلىك سۆھبەت يەكشەنبە كۈنى قاتاردا قايتا باشلىنىدىغان بولدى، تېلئەۋىۋ 24 سائەت ئىچىدە غەززەدەكەم دېگەندە 104 كىشىنى ئۆلتۈردى.

غەززە پۇقرالارنى مۇداپىئە قىلىش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى مەھمۇد باسسالنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىر كۈن ئىلگىرى 77 دىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، يەكشەنبە كۈنى تاڭ ئاتقاندىن بۇيان غەززەدە ئېلىپ بارغان بومباردىمانلاردا كەم دېگەندە 27  كىشىنى ئۆلتۈرگەن.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئېنىق جۇغراپىيەلىك كوئوردېناتنىڭ يوقلۇقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، بۇ ھەقتە ھەرقانداق چۈشەنچە بېرىشنى رەت قىلدى.

ئىسرائىلىيە يەنە غەززەنىڭ جەنۇبىدىن ئېتىلغان ئىككى «راكىتا» نى ئىسرائىلىيە ھاۋا تەۋەلىكىدە توسۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا، غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك فوندى (GHF) – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيە قوللايدىغان ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلىدىغان بۇ تەشكىلات – ئىككى نەپەر ئامېرىكالىق خىزمەتچىسىنىڭ ياردەم تارقىتىش مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە قىلىنغان قول بومبىسى «ھۇجۇمى» دا يارىلانغانلىقىنى، ئەمما ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى: «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى... ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ تارقىتىلىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.

بۇ ئۇچۇرلارنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇستەقىل دەلىللىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى تاراتقۇلارغا چەكلىمە قويۇلغان ۋە غەززەگە كىرىش قىيىن ئەھۋالدا تۇرماقتا

ۋاسىتىلىك سۆھبەت

شۇنداقتىمۇ، دىپلوماتىيە دائىرىلىرى ئۇرۇش توختىتىشقا ئېرىشىش ئۈچۈن سۆھبەت يولىنى قايتا ئېچىشقا تىرىشماقتا. شەنبە كۈنى كەچتە، ئىسرائىلىيە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنى بىر سۆھبەت ئۆمىكىنى قاتارغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماس جۈمە كۈنى كەچتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە قاتار بىلەن مىسىرنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە يەتكۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىگە «ئۆز ئىنكاسى» نى سۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ تەكلىپ ئۈستىدە «دەرھال» سۆھبەتكە كىرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان، ئەمما ئىنكاسنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە تەپسىلىي توختالمىغان.

سۆھبەتكە يېقىن پەلەستىن مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاماسقا سۇنۇلغان تەكلىپ 60 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا پەلەستىن ھەرىكىتى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بەدىلىگە ھايات بولغان 10 تۇتقۇننى ۋە بىر قىسىم جەسەتلەرنى قويۇپ بېرىدىكەن.

شەنبە كۈنى يېرىم كېچىدىن سەل بۇرۇن (GMT 21:00) ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئىشخانىسى ھاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش «تەكلىپىگە كىرگۈزمەكچى بولغان ئۆزگەرتىشلەر» دىن خەۋەردار قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇ ئۆزگەرتىشلەرنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ قارىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاماس تەلەپ قىلغان ئۆزگەرتىشلەر ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ھۆججەتكە سېلىشتۇرغاندا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەززەدىن چېكىنىپ چىقىش شەرتلىرى، 60 كۈنلۈك مۇددەتتىن كېيىن توقۇنۇشنى توختىتىشنىڭ داۋاملىشىشىغا ئېرىشمەكچى بولغان كاپالەتلەر ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ تارقىتىلىشىنى ب د ت ۋە ئېتىراپ قىلىنغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ قايتىدىن ئۈستىگە ئېلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

نېتانياھۇ شۇنداقتىمۇ، «ۋاسىتىلىك سۆھبەت تەكلىپىگە جاۋاب قايتۇرۇش ۋە ئىسرائىلىيە قوبۇل قىلغان قاتارنىڭ تەكلىپى ئاساسىدا تۇتقۇنلىرىمىزنى قايتۇرۇۋېلىش تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا» يوليورۇق بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن باياناتتا، «سۆھبەت ئۆمىكى ئەتە (يەكشەنبە) قاتارغا بېرىپ سۆھبەتلىشىدۇ» دېيىلگەن.

تۇتۇپ كېتىلگەن 251 كىشىدىن 49 ى يەنىلا غەززەدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا، بۇلارنىڭ 27 سىنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قازا قىلغان دەپ ئېلان قىلغان.

دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنى كۈتۈۋالىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ، بىر كېلىشىمنىڭ «كېلەر ھەپتە» تۈزۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىدى.

مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرى بەدر ئابدۇلئەتتى ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ئەلچىسى ستىۋ ۋىتكوف بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلىشىپ، «ئالاقىدار ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىلىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈش تەييارلىقلىرى» نى مۇزاكىرە قىلغان.

تېلئەۋىۋدە ھەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر يىغىلىشتا، تۇتقۇن ئائىلىلىرى مۇنبىرى ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنى بارلىق تۇتقۇنلارنى بىرلا ۋاقىتتا قويۇپ بېرىدىغان «ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم» تۈزۈشكە قايتا چاقىردى.

پەلەستىننىڭ غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيە قوللايدىغان غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك فوندى (GHF) باشقۇرىدىغان ئورۇنلارغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە 743 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەن.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارشى ئۇرۇشىدا كەم دېگەندە 57 مىڭ 338 پەلەستىكلىنى ئۆلتۈبرگەن، 135 مىڭ 957 كىشى يارىلانغان. ئىسرائىلىيەدە 1139 كىشى ئۆلگەن، 251 دىن ئارتۇق كىشى تۇتۇپ كېتىلگەن دەپ مۆلچەرلەنمەكتە.

ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم

تۇتۇپ كېتىلگەن 251 كىشىدىن 49 ى يەنىلا غەززەدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا، بۇلارنىڭ 27 سىنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قازا قىلغان دەپ ئېلان قىلغان.

دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنى كۈتۈۋالىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ، بىر كېلىشىمنىڭ «كېلەر ھەپتە» تۈزۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىدى.

مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرى بەدر ئابدۇلئەتتى ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ئەلچىسى ستىۋ ۋىتكوف بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلىشىپ، «ئالاقىدار ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىلىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈش تەييارلىقلىرى» نى مۇزاكىرە قىلغان.

تېلئەۋىۋدە ھەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر يىغىلىشتا، تۇتقۇن ئائىلىلىرى مۇنبىرى ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنى بارلىق تۇتقۇنلارنى بىرلا ۋاقىتتا قويۇپ بېرىدىغان «ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم» تۈزۈشكە قايتا چاقىردى.

پەلەستىننىڭ غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيە قوللايدىغان غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك فوندى (GHF) باشقۇرىدىغان ئورۇنلارغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە 743 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەن.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارشى ئۇرۇشىدا كەم دېگەندە 57 مىڭ 338 پەلەستىكلىنى ئۆلتۈرگەن، 135 مىڭ 957 كىشى يارىلانغان. ئىسرائىلىيەدە 1139 كىشى ئۆلگەن، 251 دىن ئارتۇق كىشى تۇتۇپ كېتىلگەن دەپ مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى غەززەنى ۋەيران قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدىن 41 كىسەللىكى ئېغىر بىمارنى داۋالىنىش ئۈچۈن يۆتكىدى
رۇبىيو: كنېسسېتنىڭ غەربىي قىرغاقنى قوشۇۋېلىشقا ئۇرۇنۇشى غەززە كېلىشىمىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ
ب د ت ئىسرائىلىيەنى ئىشغال قىلىنغان پەلەستىندىكى قانۇنىي مەجبۇرىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىشىغا «ئۈمىدۋار»
ئىسرائىلىيە قايتۇرۇپ بەرگەن 54 پەلەستىنلىك ئۈچۈن غەززەدە جىنازە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
ئىسرائىلىيە، ئامېرىكا بېسىمىدىن كېيىن غەززەگە ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىدىغان بولدى
ھاماس ئامېرىكانىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى ۋە ئىسرائىلىيەنى گۇرۇھلارغا ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلىدى
پەلەستىنلىك بىر دادا ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى
ھاماس: «ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھنى قورشاۋغا ئېلىشى. ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىقتۇر»
ئىسرائىلىيەئەمدىلىكتە «غەززەدىكى قارا گۇرۇھ» لارنى قوللىماقتا
پەلەستىنلىك رەھبەر مەرۋان بارگۇتى ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدە تاياق يېدى؛ قوۋۇرغىلىرى سۇندى
ئىسرائىلىيە رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى قايتىدىن ئاچتى
ئەردوغان: غەربنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشى 2 دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن ئاساس ھازىرلىشى كېرەك
غەززە خىتابنامىسى كەڭ قورساقلىق، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە كوللېكتىپ گۈللىنىشكە چاقىرىق قىلدى
ئىككى نەپەر ئىسرائىلىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا نارازىلىق بىلدۈردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىلغاندىن بۇيان ياردەم ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتتى
غەززە ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى دۇنيا مىقياسىدا قىزغىن قارشى ئېلىندى
ترامپ: غەززە ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دائىرىسىدە پەلەستىنلىك ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىشكە باشلىدى