تۈركىيە قازاقىستاندا ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچرىغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە قازاقىستاننىڭ ئاقتاۋ شەھىرى ئەتراپىدا مەيدانغا كەلگەن ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن قازاقىستاننىڭ ئاقتاۋ شەھىرى ئەتراپىدا باكۇ-گروزنى سەپىرى ئۈستىدىكى يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ۋەقەدە قازا قىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھىم-شەپقەت تىلەنگەن، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە ۋە يارىدارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلگەن باياناتتا: «بۇ قىيىن كۈنلەردە ئەزەربەيجان ۋە قازاقىستانلىق قېرىنداشلارغا ھەر خىل ياردەملەر بېرىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قازاقىستاننىڭ ئاقتاۋ شەھىرى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەن ئەزەربەيجان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى يولۇچىلار ئايرۇپىلانىدىكى 72 ئادەمنىڭ 25 ى ھايات قالغان.