ئىقتىساد
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى: 225 دانە بوئېڭ ئايروپىلانى سېتىۋالىمىز
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ترامپ - ئەردوغان سۆھبەتلىرىدىن كېيىن 225 دانە بوئېڭ ئايروپىلانى سېتىۋېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى: 225 دانە بوئېڭ ئايروپىلانى سېتىۋالىمىز
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى: 225 دانە بوئېڭ ئايروپىلانى سېتىۋالىمىز / AA
2025-يىلى9-ئاينىڭ26-كۈنى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بوئېڭ شىركىتىدىن 25 ى تاللاش خاراكتېرلىك بولۇپ  جەمئىي 75 دانە B787-9 ۋە B787-10 تىپلىق ئايروپىلان سېتىۋېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، 75 دانە بوئېڭ B787 تىپلىق ئايروپىلان زاكاز قىلىنىدىغانلىقى ۋە موتور ئىشلەپچىقارغۇچى CFM International بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق 150 دانە 737-8/10 MAX تىپلىق ئايروپىلان سېتىۋېلىش سۆھبەتلىرىنىڭ تاماملىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيەنىڭ بىردىنبىر پاي چېكى بازىرى بولغان، پاي چېكى، قەرز ۋاسىتىلىرى، تۇغۇندى مەھسۇلاتلار ۋە باشقا پۇل-مۇئامىلە مۈلۈكلىرى سېتىلىدىغان ئىستانبۇل بورساسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بوئېڭ شىركىتىدىن 75 دانە B787-9 ۋە B787-10 تىپلىق ئايروپىلان سېتىۋېلىش قارارى چىقارغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ئامېرىكا ئەلچىسى: تۈرك ھاۋا يوللىرى – بوئىڭ كېلىشىمى تاماملاندى

شىركەت بۇ ئايروپىلانلارنى 2029-يىلدىن 2034-يىلغىچە تاپشۇرۇپ بېرىلىشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

 ئايروپىلانلارنىڭ موتورى، زاپاس موتورلىرى ۋە موتور ئاسراش مۇلازىمەتلىرى توغرىسىدا Rolls-Royce ۋە GE Aerospace بىلەن سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى يەنە، 150 دانە 737-8/10 MAX تىپلىق ئايروپىلان سېتىۋېلىش ئۈچۈن بوئېڭ شىركىتى بىلەن سۆھبەتلەرنى تاماملىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

737-8/10 MAX تىپلىق ئايروپىلان زاكازلىرىنىڭ موتور ئىشلەپچىقارغۇچى CFM International بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىشىغا باغلىق بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شىركەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«مۇناسىۋەتلىك زاكازلار بىلەن بىرلىكتە، 2035-يىلىغا بارغاندا پۈتۈن فىلوتىمىزنىڭ يېڭى ئەۋلاد ئايروپىلانلاردىن تەشكىل تېپىشى، بۇ ئارقىلىق تىجارەت ئۈنۈمىمىزنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىمىزنىڭ %6 ئەتراپىدا بولۇشى نىشان قىلىنماقتا.»

ئىزدىنىڭ
ئۇكرائىنا ھۇجۇمىدىن كېيىن يېرىم مىليوندىن ئارتۇق بېلگورودلۇق ئىسسىنىش ۋە توكتىن مەھرۇم قالدى
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە 22 مۇسۇلمان دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ سومالىلاند زىيارىتىنى ئەيىبلىدى
ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرى: تۈنۈگۈن كېچە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە بار
سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كىيېۋدا تۆت كىشى ئۆلدى، 10 كىشى يارىلاندى
باش ئەلچى سەدات ئۆنال ئامېرىكالىق سېناتور ئېلىسا سلوتكىن بىلەن كۆرۈشتى
سەئۇدى ئەرەبىستان: جەنۇبىي ئۆتۈش كېڭىشى رەھبىرى جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن يەمەندىن قاچتى
ئىراندا نارازىلىق نامايىشلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 38 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ بىر ئايالنى ئۆلتۈرۈشىنى «قانۇنىي قوغدىنىش» دېدى
ئىران ئارمىيە قوماندانى ترامپ ۋە نېتانياھۇغا تەھدىت سالدى
لوندوندىكى پەلەستىن ۋاكالەتخانىسىنىڭ دەرىجىسى تولۇق ئەلچىخانا سالاھىيىتىگە ئۆستۈرۈلدى
تۈركىيە «ئەرەبىستانلىق لاۋرېنس» غا ئائىت ئوسمانلى دەۋرى ئىستىخبارات ئارخىپلىرىنى ئاشكارىلىدى
ئىران موسساد جاسۇسى دېگەن جىنايەت بىلەن بىر كىشىنى دارغا ئاستى
ترامپ گىرېنلاندىيەنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل تاللاشلار ئۈستىدە ئۇيلاشماقتا
سۈرىيە SDG تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ھەلەب ئايرودرومىدا ئۇچۇشلارنى ۋاقىتلىق توختاتتى