غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەت ئىشلىرى مەسئۇلى كاجا كاللاس، ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا قۇرۇلغان قانۇنسىز ئىسرائىلىيە ئولتۇراق رايونلىرىدا ئىشلەنگەن ماللارنىڭ ياۋروپاغا كىرىشىنى چەكلەشنىڭ بىر پىرىنسىپال پوزىتسىيە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرد
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئىشلىرى ئالىي ۋەكىلى كاجا كاللاس، «The Irish Times» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ قىرىمنى بېسىۋېلىشىغا قارىتا قوللىنىلغان «قانۇنسىزلىقنى ئېتىراپ قىلماسلىق» پوزىتسىيەسىنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىنى بېسىۋالغان ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرىگىمۇ قوللىنىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. كاللاس بۇنداق بىر تىجارەت چەكلىمىسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن 27 ئەزا دۆلەتنىڭ بىردەك ئاۋاز بېرىشىنىڭ شەرت ئەمەسلىكىنى، كۆپ سانلىقنىڭ قوللىشىنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

فىرانسىيە، پولشا، شىۋېتسىيە، كانادا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق 12 دۆلەت 8-سېنتەبىردە ئورتاق قارار ماقۇللاپ، پەلەستىن زېمىنلىرىنى بېسىۋالغان ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن بولغان تىجارەتنى مەنئى قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئىسرائىلىيە بولسا بۇ ئىقتىسادىي جازالارغا جاۋابەن، ئەنگلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى پەلەستىن ئىشلىرىغا مەسئۇل كونسۇلخانىسىنى تاقاش قارارى چىقارغانلىقىنى ئۇقتۇردى. كاللاس ياۋروپا دۆلەتلىرىنى خەلقئارا قانۇنغا سادىق بولۇپ، بېسىۋېلىش سىياسەتلىرىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى