سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
كرېمىل ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيەنىڭ تاس (TASS) خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، كرېمىل سارىيىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى يۇرىي ئۇشاكوف پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقى ئۈستىدە توختالغان.
كرېمىل ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
كرېمىل ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۈرەت: ئا پ. / AP

نوبېلنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كۆزىتىپ كەلگەنلەرنىڭ قارىشىچە، گەرچە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ خەلقئارا دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شەخسىي نەتىجە ياراتقان بولسىمۇ، بۇ جۈمە (10-ئۆكتەبىر) كۈنى ئېلان قىلىنىدىغان، كىشىلەر ئېلىشقا ئىنتىلىدىغان بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى يەنىلا تۆۋەن ئىكەن.

رۇسىيە ترامپنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىر قانچە قېتىم ئېيتقان.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي پەيشەنبە (9-ئۆكتەبىر) كۈنى ئەگەر ترامپ ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسا، كىيېفنىڭ ترامپنى ئاشكارا ئارزۇ قىلىۋاتقان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Not winning Nobel would be 'insult' to US: Trump

نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى بۈگۈن (10-ئۆكتەبىر) كىشىلەر ئىنتىلىدىغان، ئەمما مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ كىمگە بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، كومىتېت ئادەتتە تىنچلىقنىڭ ئىزچىللىقىغا، خەلقئارالىق قېرىنداشلىقنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ۋە بۇ نىشانلارنى كۈچەيتىدىغان ئورگانلارنىڭ جىمجىت قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىگە ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدۇ.

مۇكاپات ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى ترامپنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا ھەر خىل گەپ-سۆزلەر تارقالماقتا.

نوبېلنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كۆزىتىپ كەلگەنلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ئۆز ئالدىغا مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان بەزى دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرى قىسمەن تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى تۆۋەن ئىكەن.

ئوسلو تىنچلىق تەتقىقات ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئېھتىمالى بولغان تەشكىلات ۋە ئورگانلار ئارىسىدا، سۇداننىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا قارىتا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ ئاساسلىق ئۇمۇرتقىسىغا ئايلانغان ۋە تورلاشقان جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۆيلىرى، خەلقئارالىق سوت ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن ژۇرنالىستلارنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزغان مەركىزىي ئامېرىكاغا جايلاشقان ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى قاتارلىقلار بار.

ئۆتكەن يىلقى (2024) مۇكاپات ياپونىيەدە ئاتوم بومبىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار قۇرغان ۋە ئون يىللاردىن بۇيان يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلەش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان خەلق ھەرىكىتى-«نىخون خىدانكيو» غا بېرىلگەن ئىدى.

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ھەر يىلى نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدە بېرىلىدۇ. باشقا تۆت مۇكاپات بولسا، شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولمدا تارقىتىلىدىغان بولۇپ، مۇشۇ ھەپتە ساھىبلىرىغا بېرىلدى.

دۈشەنبە (6-ئۆكتەبىر) كۈنى تېببىي پەنلەر، سەيشەنبە (7-ئۆكتەبىر) كۈنى فىزىكا، چارشەنبە (8-ئۆكتەبىر) كۈنى خىمىيە ۋە پەيشەنبە (9-ئۆكتەبىر) كۈنى ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە نوبېل ماكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئېلان قىلىندى.

ئىقتىساد پەنلىرى مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى دۈشەنبە (13-ئۆكتەبىر) كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 25 يىللىقىنى پېنتاگوندا خاتىرىلەيدۇ
پولشا باش مىنىستىرى تاسك: ئۇكرائىنا-پولشا چېگرا ئېغىزىغا قىلىنغان تەھدىتنىڭ ئالدى ئېلىندى
مىنىستىر تەكىن: نىشانىمىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىش
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى: «ئىرانغا قارشى ئۇرۇش يىللارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن» دېدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى