خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران-ئىسرائىلىيە سۈركىلىشى قايتىدىن كۈچەيدى
ئىران ۋە يەمەندىن قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن ئىسرائىلىيە، ئىراننىڭ ماھشەھىردىكى بىر پېترو خىمىيە مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئورۇنلىرىنى بومباردىمان قىلدى.
ئىران-ئىسرائىلىيە سۈركىلىشى قايتىدىن كۈچەيدى
2026-يىلى 8-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى، ئىسرائىلىيەنىڭ «تۆمۈر گۈمبەز» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ئاسمىنىدا ئىران تەرەپتىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى توسۇش ئۈچۈن ئوق چىقارماقتا. / AP

دۈشەنبە كۈنى ئىراندىن قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار سەۋەبلىك ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسىملىرىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەردە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چېلىندى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىراندىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ بايقالغانلىقىنى ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ بۇ ھۇجۇملارنى توسۇش ئۈچۈن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ھۇجۇملار تۈپەيلىدىن ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇس ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىمۇ ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىندى؛ ئىسرائىلىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بومبىلارنى توسۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان پەيتتە ئارقا – ئارقىدىن پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتنىڭ داھىيە رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانىدى. بۇ ئەھۋال ئىرانلىق ئەمەلدارلارنىڭ ئۆچ ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىشىگە يول ئاچتى. ئىراندىن كېچە بويى ئۈچ دولقۇن ھالىتىدە ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەردە سىگناللارنىڭ چېلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ بۇ جەرياندا كەم دېگەندە 10 باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارىتىپ ئېتىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇنىڭغا جاۋابەن ئىراننىڭ غەربىي ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. تېھران، ئىسفاھان ۋە تەبرىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئىران شەھەرلىرىدە پارتلاشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم قىلىندى.

ئىسرائىلىيە يەمەندىن قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇپ قالغاندىن كېيىن ھاۋا بوشلۇقىنى ۋاقىتلىق تاقىدى

ئىسرائىلىيە دۈشەنبە كۈنى يەمەندىن قويۇپ بېرىلگەن بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇپ قالغاندىن كېيىن، ھاۋا بوشلۇقىنى قاتناشقا ۋاقىتلىق تاقىدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، پايتەخت تېل ئاۋىۋ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ھەمدە دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسىملىرىدا سىگنال چېلىنغاندىن كېيىن، مەزكۇر بومبىنى ئاسماندىلا توسۇپ يوقاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئىچكى فىرونت قوماندانلىق ئىشتابى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ ئېنىقلىنىشى بىلەنلا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ئېلان قىلغانىدى. 12-قانال تېلېۋىزىيەسى كېيىنرەك بەرگەن خەۋىرىدە، ئىسرائىلىيە دائىرىلەرنىڭ بۇ ۋەقەدىن كېيىن دۆلەتنىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى ۋاقىتلىق تاقاشنى قارار قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

ئىران تاراتقۇلىرى: «ئىسرائىلىيە پېترو خىمىيە شىركىتىگە زەربە بەردى»

بۇ جەرياندا ئىران تاراتقۇلىرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش چاقىرىقىدىن بىر قانچە سائەت كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ماھشەھىردىكى بىر پېترو خىمىيە شىركىتىگە زەربە بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

يەرلىك تاراتقۇلار تېلېگرام (Telegram) قاناللىرىدا: «زىيونىست دۈشمەن ماھشەھىردىكى قاروئون (Karoon) پېترو خىمىيە شىركىتىگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى» دەپ يازدى. يەرلىك بىر قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگىنىنىڭ ئەمەلدارىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ مەزكۇر ئورۇنغا تەگكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ماھشەھىرگە جايلاشقان بىر پېترو خىمىيە زاۋۇتىدىكى ھەرخىل نىشانلارغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئارمىيەنىڭ رەسمىي باياناتىدا: «قىسقا ۋاقىت ئىلگىرى، ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ماھشەھىرگە جايلاشقان پېترو خىمىيە زاۋۇتىدىكى ھەرخىل نىشانلارغا زەربە بەردى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى