ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
لىۋىيە باش مىنىستىرى: ترابلۇستا قوراللىق توقۇنۇشلار توختىدى
لىۋىيەنىڭ پايتەختى ترابلۇستا قوراللىق توقۇنۇشلاردىن كېيىن بىخەتەرلىك ئەسلىگە كەلدى.
لىۋىيە باش مىنىستىرى: ترابلۇستا قوراللىق توقۇنۇشلار توختىدى
/ AFP

لىۋىيە باش مىنىستىرى ئابدۇلھامىد دىبەيبە سەيشەنبە كۈنى پايتەخت ترابلۇستا يۈز بەرگەن ۋە كەم دېگەندە ئالتە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان قوراللىق توقۇنۇشلاردىن كېيىن بىخەتەرلىكنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

لىۋىيە جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمەتلىرى ئورگىنىنىڭ فىرانسىيەنىڭ AFP ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىغا قارىغاندا، توقۇنۇشلاردا كەم دېگەندە ئالتە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

لىۋىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا قوراللىق بىر گۇرۇپپىنىڭ رەھبىرىمۇ بار ئىكەن.

 جىددىي داۋالاش ۋە ياردەم بېرىش مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ترابلۇسنىڭ ئەبۇ سالىم رايونىدىكى توقۇنۇش رايونلىرىدىن ئالتە جەسەت تېپىلغان.

لىۋىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پىرېزىدېنت كېڭىشىگە قاراشلىق مۇقىملىقنى ساقلاشقا ياردەم بېرىش ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئابدۇلغېنى ئەلكىكلىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، دۈشەنبە كۈنى پايتەخت سالاھىدىن ۋە ئەبۇ سالىم مەھەللىلىرىدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن.

دىبەيبە ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئارمىيە ۋە ساقچىلارنى بىخەتەرلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە پايتەختتە مۇقىملىقنى ساقلاشتا كۆرسەتكەن ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى تىرىشچانلىقلىرى تۈپەيلى چىن دىلىمدىن قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ دۆلەتنى مۇداپىئە قىلىش ۋە خەلقنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش كۈچىنىڭ نامايەندىسىدۇر.

«قانۇنسىز گۇرۇپپىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا خاتىمە بېرىلىشى، لىۋىيەدە پەقەت دۆلەت ئورگانلىرىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، قانۇن بويىچە دۆلەت باشقۇرۇشقا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك.»

لىۋىيەنىڭ «ئەلئەھرار تېلېۋىزىيەسى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىكلىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن پايتەختتە پات - پات ئوق ئاۋازى ئاڭلانغان، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى 444-تارماق ئەترەت خەلق ئەسكەرلىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشلارغا قاتناشقان.

لىۋىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەبۇ سالىم مەھەللىسىنى تولۇق كونترول ئاستىغا ئالغانلىقىنى ۋە توقۇنۇشلارنى كونترول قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ «مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقى» نى جاكارلىغان.

لىۋىيە 2022-يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سىياسىي بۆلۈنۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان كىرىزىسلار سەۋەبىدىن پات - پات توقۇنۇشلارغا سەھنە بولماقتا.

بۇ دۆلەتتىكى بىر - بىرىگە رەقىب ھەر ئىككى ھۆكۈمەت ھاكىمىيەتنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ترابلۇستىكى دىبەيبە رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى غەربنى كونترول قىلسا، مەركىزى بىنغازىدا تۇرۇشلۇق ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئوسامە ھەمماد رەھبەرلىكىدىكى پاراللېل ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبىدىكى بەزى شەھەرلەرنى كونترول قىلماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدە مىللىي سايلام ئۆتكۈزۈلۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلار توختاپ قېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۇ ئەھۋال دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىن پارچىلىنىشى ۋە قوراللىق توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىشىغا سەۋەب بولماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ كېمىسىگە قاراتقان ھۇجۇمىدا ئىككى ئەتكەسچى ئۆلدى
ياۋروپا ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلەتتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۇدا خىلاپلىق قىلىپ، يەنە 9 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقلىرىنى فلورىدادا باشلىدى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى
نۇمان قۇرتۇلمۇش: تۈركىيە ياۋروپانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم بىر كاپالەت
گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
ناتو بالتىق دېڭىزىدا كىچىك كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي لىۋانغا ئىچكىرىلەپ كىرمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پارىس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇملارنى قىلدى
تروپىكال بوران-چاپقۇنى «ژاڭمى» (Jangmi) ياپونىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سودا ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە باردى