ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
پېرۇدا بىر ئالتۇن كانىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن 13 ئىشچىنىڭ جەسىتى تېپىلدى
يەكشەنبە كۈنى جەسىتى تېپىلغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ لىما ئاكسىيە بازارغا سېلىنغان ئاساسلىق ئالتۇن قېزىش شىركىتى پودېروساغا تەۋە شىركەتتە ئىشلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پېرۇدا بىر ئالتۇن كانىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن 13 ئىشچىنىڭ جەسىتى تېپىلدى
Pataz, located around 560 miles (900 kilometres) from the capital Lima, is in a state of emergency due to escalating violence caused by a gold rush there. / AFP

پودېروسا شىركىتى يېقىنقى ئايلاردا قانۇنسىز كان ئېچىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان ئىدى.

پېرۇنىڭ شىمالىدىكى پاتاز رايونىدا نەچچە كۈن ئىلگىرى تۇتۇپ كېتىلگەن 13 كىشىنىڭ بىر كاندا جەسىتى تېپىلدى. بۇ ئۇچۇر كان شىركىتى پودېروسا تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

شىركەت يەكشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا: «بۈگۈن ئەتىگەندە، جىددىي ئىزدەش خىزمىتى نەتىجىسىدە، ساقچى قۇتقۇزۇش ئەترىتى قانۇنسىز كان قازغۇچىلار ۋە جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھەمكارلىقىدا تۇتۇپ كېتىلگەن 13 ئىشچىنىڭ جەسىتىنى تاپتى» دېيىلدى.

كانچىلىق؛ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان پېرۇدا، ئاساسلىق ئىقتىسادىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ  ھېسابلىنىدۇ.

پايتەخت لىما بىلەن بولغان ئارىلىقى 900 كىلومىتىر كېلىدىغان پاتاز رايونى، ئالتۇن قېزىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى تۈپەيلى جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان بىر رايوندۇر.

يەكشەنبە كۈنى بايقالغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ لىما ئاكسىيە بازارغا سېلىنغان ئاساسلىق ئالتۇن قېزىش شىركىتى پودېروساغا تەۋە شىركەتتە ئىشلەيدىغانلىقى ۋە يېقىنقى ئايلاردا قانۇنسىز كان ئېچىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان پودېروساغا تەۋە بىر شىركەتنىڭ خادىملىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

كان شىركىتى: «پاتازدا كونترولسىز زوراۋانلىق ۋەقەلىرى جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان ۋە بۇ رايوندا زور تۈركۈمدە ساقچى كۈچى بولغانلىقىغا قارىماستىن داۋاملاشماقتا. ئەپسۇسكى بۇ ئەھۋال رايوننىڭ بىخەتەرلىك شارائىتىنىڭ ناچارلىشىشىنى توسۇپ قالالمىدى» دېدى.

پېرۇ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆلۈمنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن رايونغا تەشكىللىك جىنايەت تەتقىقاتچىلىرىنى ئەۋەتكەنلىكىنى ۋە ۋەكىلەرنىڭ «كېرەكلىك بولغان شائىتتا قوراللىرىنى تولۇق ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى» ئېيتتى.

پاتازنىڭ غەربىدىكى ترۇجىللو شەھىرىدە، بىر قىسىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ تۇغقانلىرى يېقىنلىرىنىڭ جەسىتىنىڭ ئۇ يەردىكى جەسەتخانىغا يۆتكىلىشىنى ساقلىدى.

كاندا جەسىتى تېپىلغان قۇربانلاردىن بىرى بولغان ئالېكساندىرنىڭ دادىسى ئىبراھىم دومىنگۇز قانال N تېلېۋىزىيسىگە بەرگەن باياناتىدا، «بىز ئادالەتنى تەلەپ قىلىمىز، بۇ ۋەقە بۇ يەردە قالماسلىقى كېرەك» دېدى.

پېرۇ ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ بىر قانچە جايلىرىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان قاقتى-سوقتى قىلىش ۋە زوراۋانلىق دولقۇنىغا دۇچ كەلمەكتە.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ