سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ئامېرىكانىڭ ئىككى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى «تېگىشلىك جايىغا» يېتىپ باردى
پىرېزىدېنت ترامپ رۇسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دىمىترى مېدۋېدېۋ بىلەن بولغان تالاش-تارتىشىشىدىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ «بولۇشقا تېگىشلىك جايىغا» يېتىپ بارغانلىقىنى جاكارلىدى.
ترامپ: ئامېرىكانىڭ ئىككى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى «تېگىشلىك جايىغا» يېتىپ باردى
/ AP

پىرېزىدېنت ترامپ رۇسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دىمىترى مېدۋېدېۋ بىلەن بولغان تالاش-تارتىشىشىدىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ «بولۇشقا تېگىشلىك جايىغا» يېتىپ بارغانلىقىنى، شۇنداقلا موسكۋانىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرمىغان تەقدىردە، ئېمبارگوغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دىمىترى مېدۋېدېۋنىڭ باياناتىدىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇشقا بۇيرۇغان ئىككى دانە يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ «بولۇشقا تېگىشلىك جايىغا» يېتىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ترامپ نيۇجېرسېي ئىشتاتىدىكى گولف كۇلۇبىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ مۇخبىرلارنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ كونكرېت ئورنى ھەققىدىكى سوئالغا: «ئۇلار شۇ رايوندا، شۇنداق، بولۇشقا تېگىشلىك يەردە» دەپ جاۋاب بەردى.

ترامپ ئىلگىرى مېدۋېدېۋ بىلەن بولغان دەتالاشلارنىڭ كۈچىيىشىدىن كېيىن، ئىككى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنى «مۇۋاپىق رايونلارغا» ئورۇنلاشتۇرۇشقا بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

مېدۋېدېۋ ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ترامپنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، كىرېمىل سارىيىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە قارشى بېسىمنىڭ كۈچىيىشىنىڭ پەقەت رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىلا ئەمەس، بەلكى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانىدى.

بۇ بايانات ترامپنىڭ رۇسىيەگە «تەخمىنەن 10 كۈندىن 12 كۈنگىچە بولغان ۋاقىت» ئىچىدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرمىسا، ئېمبارگو ۋە قوشۇمچە تاموژنا بېجىغا دۇچ كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەھدىتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغانىدى. بۇ ترامپنىڭ ئىيۇل ئېيىدا بەرگەن 50 كۈنلۈك مۆھلىتىدىن خېلىلا بۇرۇن بېكىتىلگەن يېڭى مۆھلەت ھېسابلىناتتى.

رۇسىيە ئېمبارگودىن قېچىشقا ماھىر

ترامپ رۇسىيەنىڭ «ئېمبارگودىن قېچىشقا خېلىلا ماھىر» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «ئەگەر ئىنسانلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشىنى توختىتىدىغان بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنسا، ئۇلار ئېمبارگودىن قۇتۇلۇپ قالالايدۇ» دېدى.

ترامپ مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە: «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدۇ، لېكىن قارىماققا ئۇلار ئېمبارگودىن قېچىشقا خېلىلا ئۇستىكەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«ناھايىتى كۆپ ساندا رۇسىيە ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتىدۇ، ئۇكرائىنادىمۇ شۇنداق، گەرچە سانى ئازراق بولسىمۇ، يەنىلا مىڭلارچە ئىنسان... بۇ مەنىسىز ئۇرۇشتا نۇرغۇنلىغان كىشىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قېلىۋاتىدۇ» دېگەن ترامپ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى: «بىز نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئۇرۇشقا ئارىلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق... بۇ ئۇرۇشنى (رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى)مۇ چوقۇم توختىتىمىز» دېيىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ستىۋ ۋىتكوفنىڭ كېلەر ھەپتە رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ترامپ، ۋىتكوفنىڭ «ئېھتىمال كېلەر ھەپتە چارشەنبە ياكى پەيشەنبە كۈنى» رۇسىيەگە يېتىپ بارىدىغانلىقىنى، بۇ زىيارەتنىڭ ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان ئېمبارگو ئۇلتىماتومىنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتىدىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى