مېلونى: ئىتالىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە كېلىشىمىنى توڭلىتىپ قويدى
ئىتالىيە ھۆكۈمىتى كۈنسېرى زورىيىۋاتقان ئىچكى بېسىم ۋە بىرقاتار بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى توختىتىش قارارى چىقاردى.
ئىتالىيە باش مىنىستىرى جورجىيا مېلونى سەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، دۆلىتىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە كېلىشىمىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىتالىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى «ANSA» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېرونادىكى بىر پائالىيەت جەريانىدا سۆز قىلغان مېلونى: «ھۆكۈمىتىمىز نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىسرائىلىيە بىلەن تۈزۈلگەن مۇداپىئە كېلىشىمىنىڭ ئۆزلۈكىدىن يېڭىلىنىشىنى توختىتىپ قويۇش قارارى چىقاردى» دېدى.
مەزكۇر كېلىشىم؛ ھەربىي جابدۇقلار ۋە تېخنولوگىيە تەتقىقاتلىرى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. توڭلىتىپ قويۇش قارارى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبىدىن دۆلەت ئىچىدە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان تەنقىد دولقۇنىغا دۇچ كەلگەن بىر مەزگىلدە چىقىرىلدى. تەنقىدلەر ئاساسلىقى غەززەدىكى ئۇرۇش ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان زوراۋانلىقلارغا مەركەزلەشمەكتە.
ئالدىنقى ھەپتە ئىتالىيە لىۋاندا ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىغا (UNIFIL) تەۋە بىر ئاپتوموبىلنى ئوققا تۇتۇپ ۋەيران قىلىشىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىردى؛ مەزكۇر قىسىمدا ئىتالىيەلىك خادىملارمۇ بار ئىدى.
يانۋار ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا يۈز بەرگەن يەنە بىر ۋەقەدە بولسا، رىم دائىرىلىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر نەق مەيدان زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى ئىتالىيە ساقچىسىنىڭ (Carabinieri) قورال بىلەن تەھدىتكە ئۇچرىشى سەۋەبىدىن يەنە ئەلچىنى مىنىستىرلىققا چاقىرغان ئىدى.
ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئوفىتسېرلار ديپلوماتىك ئاپتوموبىل بىلەن يولدا كېتىۋاتقاندا، قانۇنسىز كۆچمەن دەپ پەرەز قىلىنغان قوراللىق بىر ئىسرائىلىيەلىك تەرىپىدىن تىز چۆكۈشكە مەجبۇرلانغان ۋە سوراق قىلىنغان.