خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ياپونىيەدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەڭ چوڭ ئوت ئاپىتى يۈز بەردى
ياپونىيەدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ئوت ئاپىتىدە بىر كىشى قازا قىلىپ، 170 بىنا زىيانغا ئۇچرىدى.
ياپونىيەدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەڭ چوڭ ئوت ئاپىتى يۈز بەردى
ياپونىيەدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەڭ چوڭ ئوت ئاپىتى يۈز بەردى / AP

ئوت كەتكەن بىنالارنىڭ سانى ۋە رايوننىڭ چوڭلۇقى، مەزكۇر ئوت ئاپىتىنىڭ 1976-يىلدىكى ساكاتا ئوت ئاپىتىدىن بۇيانقى دۆلەتتە يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ئوت ئاپىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر دېڭىز بويى شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 170 تىن ئارتۇق بىنا كۈلگە ئايلاندى، بىر ئادەم قازا قىلدى. ئارمىيە ۋە ئوت ئۆچۈرۈش تىك ئۇچارلىرى، دۆلەتنىڭ يېرىم ئەسىردىن بۇيان كۆرگەن ئەڭ چوڭ شەھەر ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىندى.

چارشەنبە كۈنى تارقىتىلغان ھاۋا سۈرەتلىرىدە، سېكى ماركىلىق سۈپەتلىك تۇنىس بېلىقى بىلەن داڭلىق بېلىقچىلىق پورتىغا قارايدىغان ئويۇلغان ئويتا رايونىنىڭ ساگانوسېكى رايونىدا ئۆيلەرنىڭ خارابىلىككە ئايلانغانلىقى ۋە قويۇق ئىس-تۈتەكلەرنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكى كۆرسىتىلدى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە، قاتتىق شامال سەۋەبىدىن ئوتنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى ئورمانلىق تاغ ئېتىكىگە ۋە دېڭىز قىرغىقىدىن بىر كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى ئادەم ئولتۇراقلاشمايدىغان بىر ئارالغا تارالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياپونىيە ئوت ئۆچۈرۈش ۋە ئاپەت باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئوت ئاپىتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى كەچتە باشلانغانلىقىنى ۋە تەخمىنەن 48 مىڭ 900 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر يەرنى – يەنى يەتتە پۇتبول مەيدانىنىڭ چوڭلۇقىدىكى بىر يەرنى – كۆيدۈرۈۋەتكەنلىكىنى؛ توكيونىڭ تەخمىنەن 770 كىلومېتىر جەنۇبىي غەربىدىكى رايوندا ياشايدىغان 175 ئادەمنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش پاناھگاھىغا بېرىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەرلىك تاراتقۇلار ساقچى مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ، بىر ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى؛ شۇنداقلا 50 ياشلىق بىر ئايالنىڭ يېنىك كۆيۈكلەر بىلەن دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ياپونىيە باش مىنىستىرى سانا ئې تاكائىچى، X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا، سوغۇقتا بوشىتىشقا مەجبۇر بولغان بارلىق ئاھالىلەردىن سەمىمىي ھال سورىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھۆكۈمەت يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەڭ يۇقىرى ياردەم قىلىشنى داۋملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى قوللاندى.

كىيۇشۇ ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن رايوندا تەخمىنەن 300 ئۆيدە توك ئۈزۈلۈپ قېغان.

زىيانغا ئۇچرىغان بىنالارنىڭ سانى ۋە ئوت ئاپىتىنىڭ قاپلىغان رايونى، يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ۋەقەلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، 1976-يىلى ساكاتادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن بۇيان ياپونىيەدە يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ شەھەر ئوت ئاپىتى دەپ باھالاندى.

2016-يىلى ئىتويىگاۋادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى 147 بىنا ۋە تەخمىنەن 40 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر يەرنى كۆيدۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ، ۋەقەدە ئادەم ئۆلمىگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى