خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان: ئىران ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى
پاكىستان تېھراننىڭ ئىسلامئابادقا ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرى قاتارلىق بارلىق دۈشمەنلىكلىرىنى دەرھال توختاتقان تەقدىردىلا، ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
پاكىستان: ئىران ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى
پاكىستان ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك ئالاقىلەرگە پائال ۋاسىتىچىلىك قىلماقتا. [ھۆججەتلىك سۈرەت] / Reuters

پاكىستان رەسمىي مەنبەلىرى دۈشەنبە كۈنى ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ «ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىكىگە قاراتقان زەربىلىرىنى دەرھال توختىتىش»نى ۋە پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىكى «مۆھلەت» مەسىلىسىدە شەرتسىز چېكىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

مەسىلىنىڭ سەزگۈرلۈكى تۈپەيلى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەنبەلەر تېھراننىڭ ئىسلامئابادقا يەتكۈزگەن پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختىلىپ: «ئىران ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ۋە مەمۇرىي رەھبەرلىرىگە زەربە بېرىش قاتارلىق ھەر قانداق دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختاتقان تەقدىردىلا، ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەرنى ئويلىشىدۇ» دېگەن. بۇ بايانات تېھران دائىرىلىرى ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىنىڭ ئىستىخبارات باشلىقى مەجىد خادەمىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن بىر پەيتتە ئېلان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايوندا 45 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىگە دائىر دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار كۈچەيمەكتە.

پاكىستان مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېھران «ئاخىرقى مۆھلەت تەھدىتى» ئارقىلىق ھېچقانداق بىر دىيالوگقا مەجبۇرلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. نۆۋەتتە پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى گېنېرال ئاسىم مۇنىر بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىسھاق دار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جېي دى ۋانس ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالاقىلىشىپ، ئىككى تەرەپنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرغۇزۇشقا تىرىشماقتا.

تەكلىپ قىلىنىۋاتقان تىنچلىق پىلانى جىددىي ئۇرۇش توختىتىشنى، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى ۋە ئىككى-ئۈچ ھەپتە ئىچىدە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بىر كېلىشىمنىڭ تاماملىنىپ، ئىسلامئابادتا يۈزمۇيۈز كۆرۈشۈشلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گەرچە ترامپ يەكشەنبە كۈنى تېھران بىلەن بالدۇر كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما تېز نەتىجە چىقمىسا ھۇجۇملارنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىسمائىل بەقايى دۈشەنبە كۈنى تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى ئۈچىنچى تەرەپلەر ئارقىلىق ۋاشىنگتونغا يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. بەقايى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش پىكىرىگە قارىتا ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ، ھەر قانداق توختاپ قېلىشنىڭ دۈشمەنلىرىگە قايتىدىن ئۆزىنى ئوڭشاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى. پاكىستان نۆۋەتتە تېھران، ۋاشىنگتون، خىتاي ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئاكتىپ داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى