ناتو ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى
رۇسىيە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقاندىن كېيىن، ناتو ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا كۈچلۈك بايانات ئېلان قىلدى.
ناتو-ئۇكرائىنا كېڭىشى رۇسىيەنىڭ يادرو ئوق بېشى ئورنىتىلمىغان ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىشىدىن كېيىن، يازما بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، ناتونىڭ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا باش ئەلچىلەر سەۋىيەسىدە يىغىن ئۆتكۈزگەنلىكى، يىغىنغا ئۇكرائىنانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ سىنلىق قاتنىشىپ، ئۇكرائىنادىكى ئومۇمىي بىخەتەرلىك ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
قەيت قىلىنىشىچە، يىغىندا ئىتتىپاقداشلار ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى تەكرارلىغان ۋە: «دنىپرو شەھىرىگە قىلىنغان ھۇجۇم ،رۇسىيەنىڭ قانۇنسىز شۇنداقلا سەۋەپسىز تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۆزىنى قوغداۋاتقان ئۇكرائىنانى قوللىغان دۆلەتلەرگە ھەيۋە قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەت. نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇرۇشنىڭ يۆلىنىشىنى ياكى ناتو ئىتتىپاقداشىرىنىڭ ئۇكرائىنانى قوللاشتىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ» دېگەن.
كېيىنكى قېتىملىق ناتو-ئۇكرائىنا كېڭىشى 3-4-دېكابىر ئېچىلىدىغان ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى جەريانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە ئۇكرائىنانىڭ براينسك رايونىغا ئامېرىكادا ياسالغان ئۇزۇن مۇساپىلىق قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار (ATACMS) بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەدە ياسالغان ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا جاۋابەن، ئۇكرائىنانىڭ دنىپرو رايونىدىكى ھەربىي سانائەت بازىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلغانلىقىنى، بۇ بومبىنىڭ يادرو ئپق بېشى ئورنىتىلمىغان ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
پۇتىن يەنە، رۇسىيە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا يادرو قورالى بىلەن جاۋاب بېرىشكە رۇخسەت قىلىدىغان قانۇن ماددىسىنى تەستىقلىغان ئىدى.