سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاقنىڭ بەزى جايلىرىنى «قوشۇۋېلىش» ئۇرۇنۇشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائمىي ۋەكىلى، ئەلچى ئەھمەد يىلدىز خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىنىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ 20 ماددىلىق تىنچلىق پىلانىنى تولۇق ئىجرا قىلىشقا چاقىردى.
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاقنىڭ بەزى جايلىرىنى «قوشۇۋېلىش» ئۇرۇنۇشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ۋە قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. / Reuters

تۈركىيەنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى ئەھمەد يىلدىز ئىسرائىلىيەنىڭ بىر تەرەپلىمە قەدەملىرىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتىكى قانۇنسىز مەۋجۇتلۇقىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدى.

چارشەنبە كۈنى پەلەستىندىكى ۋەزىيەتكە ئالاقىدار ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلغان ئەھمەد يىلدىز، ھەممەيلەننىڭ دىققىتى غەززەدىكى نازۇك ۋەزىيەتكە مەركەزلەشكەن بىر پەيتتە، «ئىشغالچى كۈچنىڭ غەربىي قىرغاقتىكى قانۇنسىز مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلغان بىر تەرەپلىمە قەدەملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى»نى ئەسكەرتتى. يىلدىز سۆزىدە: «تۈركىيە 2803-نومۇرلۇق خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارى ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 20 ماددىلىق پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇش توختىتىش بەلگىلىمىلىرىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ» دېدى.

ئۇرۇش توختىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۆلۈم-يېتىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەتكۈزۈش ۋە ئەھمىيەتلىك سىياسىي سۆھبەتكە پۇرسەت يارىتىش ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن يىلدىز، تەكرارلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى ۋە ياردەملەرگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، غەززەگە كىرىدىغان ياردەم مىقدارىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلۇشى ۋە توسالغۇسىز يېتىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالدى.

يىلدىز غەززەنى قايتا قۇرۇش مۇساپىسىنى باشلاش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇ يەردىن تولۇق چېكىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق مەسىلىسىدە بولسا، ئەنقەرەنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىننى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش سىياسىتىگە قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى تەكرارلىغان يىلدىز، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ خىل بىر تەرەپلىمە تەدبىرلىرىگە «خەلقئارا قانۇننىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشى» دەپ باھا بەردى.

يىلدىز خەلقئارا جەمئىيەت ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا چاقىرىپ: «كېڭەش ئىسرائىلىيەنى غەربىي قىرغاقتىكى جىددىيچىلىكنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىن ۋاز كېچىشكە، ئۇرۇش توختىتىش بەلگىلىمىلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىشقا ۋە قانۇنسىز ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىشكە مەجبۇرلىشى كېرەك... غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىن بارلىققا كەلگەن پۇرسەت ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئايلاندۇرۇلۇشى كېرەك. تۈركىيە بۇ تىرىشچانلىقلاردا ئىجابىي ۋە ئىشەنچلىك شېرىك سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى