گىرۇزىيەدە نويابىردا باشلانغان نامايىشلار توختىماي داۋاملاشماقتا
گىرۇزىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش سۆھبىتىنى باشلاش مۇساپىسىنى تۆت يىل توختىتىلىشىغا قارشى پارتلىغان نامايىشلار 21 كۈن داۋاملاشتى.
2024-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى تىفلىسنىڭ مەركىزىدىكى گۆرگىستان پارلامېنتى سىرتىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلار / TRT World
تىبلىس ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇزاكىرەلىرىنى باشلاشنى 2028-يىلغىچە كۈنتەرتىپكە قويماسلىق قارارىغا قارشى 28-نويابىر (2024) باشلانغان نامايىشلار، تۈنۈگۈن (18-دېكابىر) مۇ داۋاملاشتى.
11-ئاينىڭ 28-كۈنى 2028-يىلغىچە دۆلەتنىڭ ئىتتىپاققا كىرىش سۆھبىتىنى باشلىماسلىق قارارىغا قارشى باشلانغان نامايىش تۈنۈگۈن داۋاملاشتى.
ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن كىشىلەر پايتەخت تىبلىستا توپلاندى. نامايىشچىلار پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى شوتا رۇستاۋېلى كوچىسىنى كېچە بويىچە قاتناشقا تاقاپ، 26-ئۆكتەبىر (2024) ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنى قايتا ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. ھۆكۈمەتنى گىرۇزىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىاقى بىلەن بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىغا زىيان سېلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
نامايىشچىلار يەنە، نامايىش باشلانغان بىرىنچى كۈندە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىمۇ تەلەپ قىلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى 26ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن گىرۇزىيە پارلامېنتى سايلىمىنى قايتا ئۆتكۈزۈشنى چاقىرىق قىلغان ئىدى. گىرۇزىيە ئۆكتىچى پارتىيەلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپدارلىرى سايلامدىن كېيىن، نامايىش ئۆتكۈزۈشنى باشلىغان ئىدى.
گىرۇزىيە باش مىنىستىرى ئىراكلى كوباخىدزە 28-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى سىياسەتچىلىرىنىڭ گىرۇزىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇلى بىلەن تەھدىت سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئۇ: «پۈتۈن بۇلارنى نەزەردە تۇتۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇزاكىرەلەرنى باشلاشنى 2028-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە توختىتىشنى قارار قىلدۇق. دۆلىتىمىزنىڭ 2030-يىلغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن ئىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇزاكىرەلەرنى توختاتقان گىرۇزىيە بىلەن، ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ توڭلىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى تاشقى سىياسەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى كاژا كاللاس گىرۇزىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بالتىق دۆلەتلىرىمۇ گىرۇزىيە ھۆكۈمىتىدىكى بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ چېگرادىن كىرىشىنىڭ مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.