سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئىسرائىلىيەگە: «ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇر، بولمىسا ياردەم توختىتىلىشى مۇمكىن» دېدى
ترامپقا يېقىن كىشىلەر ئىسرائىلىيەگە ئۇرۇش ئاخىرلاشمىغان ئەھۋالدا ياردەمنىڭ توختىتىلىش مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەېرىلگەنلىكىنى، نېتانياھۇنىڭ بولسا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئىرادىنى كۆرسەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ترامپ ئىسرائىلىيەگە: «ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇر، بولمىسا ياردەم توختىتىلىشى مۇمكىن» دېدى
ترامپ ئىسرائىلىيەگە: «ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇر، بولمىسا ياردەم توختىتىلىشى مۇمكىن» دېدى / Reuters

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا يېقىن كىشىلەر ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىغا غەززەدىكى ئۇرۇش ئاخىرلاشتۇرۇلمىغان ئەھۋالدا ئامېرىكا ياردىمىدىن مەھرۇم قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

دۈشەنبە كۈنى سۆھبەتلەردىن خەۋەردار بىر مەنبە گېزىتكە بەرگەن باياناتىدا، ترامپ گۇرۇپپىسىنىڭ ئىسرائىلىيەگە «ئەگەر ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرمىساڭلار، بىز ياردىمىمىزنى توختىتىمىز» دېگەن ئۇچۇرىنى بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

مەزكۇر مەنبە يەنە، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن سىياسىي ۋاسىتىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭغا ئالاقىدار ئىرادىنى كۆرسەتمىگەنلىكىنى ئېيتتقان. بۇنىڭدىن باشقا، نېتانياھۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى جەريانىدا ئىسرائىلىيەنى زىيارەت قىلمىغان ترامپنىڭمۇ بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

نېتانياھۇ ئىلگىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ «كەڭ كۆلەملىك ئاچارچىلىق كۆرۈنۈشلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال چەكلىك مىقداردا بولسىمۇ، ياردەملەرنىڭ قايتا باشلىنىشىغا يول ئاچقان ئىدى.

مەنبە نېتانياھۇنىڭ «يەكشەنبە كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن كابىنېت يىغىنىدا ياردەملەرنىڭ قايتا باشلىنىشىنى پەقەت بىر تېخنىكىلىق مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغانلىقى» نى جەزملەشتۈردى.

 

سۈركىلىش نۇقتىلىرى

 

ئامېرىكانىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشى، ۋاشىنگتون بىلەن تەل ئاۋىۋ ئوتتۇرىسىدىكى كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىكلەردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. ترامپنىڭ، نېتانياھۇ بىلەن بولغان بىۋاسىتە ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكى ۋە نېتانياھۇ تەرىپىدىن ئالدىنىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنت نامزاتى ج.د. ۋانس [JD Vance] ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىر نامزاتى پېت ھېگسېت [Pete Hegseth] نىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلماقچى بولغان زىيارەتلىرىنى بىكار قىلغانلىقى ياكى كېچىكتۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرى ئالاھىدە ئەلچىسى ستىۋ ۋىتكوف [Steve Witkoff] مۇ غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى قايتا يولغا قويۇش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىشكە ۋەدە بەردى.

ئىسرائىلىيە غەززەدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقتا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بولۈپ جەمئىي 53 مىڭ 500 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.

غەززەنىڭ زور بىر قىسمىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرغان ئىسرائىلىيە، پۈتكۈل دېگۈدەك نوپۇسىنى ئۆي-ماكانىدىن ئايرىپ، يېمەك-ئىچمەك، سۇ، دورا، ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ۋە باشقا جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ رايونغا كىرىشىنى توسۇۋالدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن يىلى نويابىردا نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت [Yoav Gallant] ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە يەنە غەززەگە قاراتقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوتىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىغا دۇچ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى